مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرى خويورمودون كەنتىدىكى ئالتۇن ھورنان كاۋىپى دۇكىنىدا، ئۇ يۇغۇرۇپ تەييار قىلغان خېمىرنى دوخوپكىغا سېلىپ قاقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئالتۇن بۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ،كارتا تارقىتىلغان نامرات ئائىلىلەر تىزىملىكىدە بولۇپ، ئۇ كۈتۈپ تۇرماي، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ ھورنان كاۋىپىنى ناھىيەدىكى كۆپلىگەن كىچىك ئوتتۇراھال تاللا بازىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرغان.
ئالتۇن : «مەن ھازىر ئايدا ھورنان كاۋىپى سېتىپ 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن، تۇرمۇشۇممۇ خېلىلا ياخشىلاندى» دېدى.
ئالتۇن بۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 34 نامرات ئائىلىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇلتۇر 8-ئايدا، ئۇ خوشۇت ناھىيەلىك مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ ھورنان كاۋىپى قىلىش ھۈنىرىدىن پايدىلىنىپ، بىر دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ لىۋېن مۇنداق دېدى: «ئالتۇن ھورنان كاۋىپى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا پىشۇرۇلىدىغان بولۇپ، سىرتى چۈچۈك، بەك يېيىشلىك. بىز كەنت "ئىككى كومىتېت"ى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ ئويىنى قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىدۇق».
ئاخىرى، ئالتۇن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمى بىلەن، كەنتتە ئەنئەنىۋى ھورنان كاۋاپ دۇكىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق سىرتقا تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ ھورنان كاۋاپ دۇكىنىنىڭ داڭقى تېزلا چىقتى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى باشقا نامرات ئائىلىلەرنى ئالتۇندىن ئۆگىنىپ، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال ئەمگەك قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇرغان.
ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ