تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ساياھەت ئارقىلىق خاس كەنت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «ئەتىيازدا ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكىنى كۆرگىلى كېلىدۇ، يازدا ئۆرۈك پىشقاندا ئۆرۈك يېگىلى كېلىدۇ، كۈز ۋە قىشتا گۈلە قېقى يېگىلى كېلىدۇ، ئۆرۈك دەرىخى بىزنىڭ <تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ>ىمىز بولۇپ قالدى». 2-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى باشئاقما كەنتىدىكى دېھقان غولام داۋۇت مۇخبىرغا ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇلارنىڭ كەنتىگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىنى ئېيتىپ بەردى.

  باشئاقما كەنتىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 23 كىلومېتىر بولۇپ، 15 مىڭ مودىن كۆپرەك ئۆرۈكلىك باغ بار، شۇڭا بۇ كەنتنىڭ يەنە ئۆرۈك چېچىكى كەنتى دەپمۇ نامى بار. غولام داۋۇت كەنتتە ناۋايخانا ئاچقان بولۇپ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100-200 يۈەنگىچە كىرىم قىلىدۇ. «ھازىر ھاۋا سوغۇق، سودا ئادەتتىكىچە، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ئايالىم، ئىنىم ئۈچىمىز يېتىشەلمەي قالىمىز، ئۇ ۋاقتتا بىر كۈندە 600 يۈەن تېپىشىمىزدا گەپ يوق. » دېدى غولام داۋۇت.

  غولام داۋۇت تىلغا ئالغان ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بۇ كەنتتە ئۆتكۈزىدىغان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا كۈندە بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يازدا ئەتراپتىكى جىغانلىق مەنزىرە رايونىمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ، نۇرغۇن دېھقانلار ئۆرۈكلۈك باغلىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ، ئۆرۈك ئۈزۈش بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناھىيە 2017-يىلىدىن باشلاپ، باشئاقما كەنتىنى خاس كەنت قىلىپ بەرپا قىلغان بولۇپ، «تۇتاش رايونلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، بىر ئائىلىگە بىر سىياسەت، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»تەك پىرىنسىپنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىلانلاپ، لاھىيەلەپ 5 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۈر رايونىدىكى 65 ئائىلىلىكنىڭ خاسلىققا ئىگە تۇرالغۇلىرىنى قوغداپ، سىرتقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن ياكى رېمونت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار 2 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كەنت يولىنىڭ گىرۋىكىدىكى ئۆرۈك دەرەخلىرىنى يۆتكەپ تىكىش ۋە تولۇقلاش قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن. 2018-يىلى بۇ كەنت كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 50 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەت ئىستىمال سوممىسى 250 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. بۇ يىل، بۇ ناھىيە ئاپتونوم رايوننىڭ «ساياھەتچىلىك ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش»شۇنىڭدەك ۋىلايەتنىڭ «ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىنى ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇش»تەك ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پۈتۈن رايون بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەرىجىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەيدۇ، يىمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك رايون ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈلگىلىك رايونى بەرپا قىلىشنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ناھىيە دېھقانلار ئارامگاھى، بېلىقچىلار ئارامگاھى، ساياھەت قىلىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق يېزا-كەنت ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن، ئۆزگىچە يېزا-كەنت ساياھەت نۇقتىسىدىن ئۈچنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈش ئائىلىسىدىن 10نى تەسىس قىلىدىكەن. يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر بىر يېزا-بازاردا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كەنتتىن ئاز بولغاندىمۇ بىرى بولۇش، ھەر بىر كەنتتە ساياھەتچىلىك ئارقىلىق بېيىش باشلامچىسىدىن بىرى بولۇش، «يىپەك يولىدىكى بۇلاق شەھىرى . كۈتۈنۈش ئارامگاھى ئۇچتۇرپان»، «قەدىمىي ئۆتەڭ. يىراقتىكى خەن ۋە تاڭ سۇلالىسى»ساياھەتچىلىك ئوبراز ماركىسىنى يارىتىپ، 500 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش، كىرىمنى 60 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى