تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جىڭ لىجۈن ئىختىيارى مۇخبىر لى پېڭيەن): 3-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە، بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەلىك ئارال بازىرى ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ياپيېشىل كۆكتات مايسىسى ۋە ئورگانىك ئوغۇت، كۆكتات ئۇرۇقى، سۇلياۋ يۇپۇق ئېلىپ كەنت ئاھالىسى مۇختەر ئەمەتنىڭ ئۆيىدىكى كىچىك ئەگمە لاپاسقا كەلدى. ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يەر ئاغدۇرۇپ، ئوغۇتلاپ، چۆنەك تارتىپ، سۇلياۋ يېپىق ياپتى، نەق مەيداندا تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بىر پارچە مەنزىرە شەكىللەندى.
كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، قاتار-قاتار چۆنەكلەر ياپيېشىل كۆكتات مايسىلىرىغا «لىق تولدى»، يەنە قىسمەن بەسەي، چىڭسەي قاتارلىق سەي ئۇرۇقلىرىمۇ كىچىك لاپاس ئىچىگە «ماكانلاشتى».
مەزكۇر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، مۇختەرنىڭ كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، مەزكۇر كەنتنىڭ ناھىيە-بازارغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىسادى پىكىر يولىنى تۈزۈپ بەردى. 2017-يىلى، خىزمەت ئەترىتى ياخشى ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش خىراجىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا 80 كۋادرات مېتىرلىك كىچىك ئەگمە لاپاس ياساپ بەردى.
«پارنېكتا ئۇلاقلىق كۆكتات مايسىسى تېرىشتا، باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولسا، ئىتتىك ئۆسىدۇ. 2-3 ئاي ئىچىدىلا سېتىشقا بولغۇدەك بولىدۇ». «كىچىك ئەگمە لاپاستىكى كۆكتاتلارنى بازارنى بالدۇر ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مۇختەر بىلەن تۇغقانلاشقان كادىر شېن جېنجۈن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، چەيزە، لازا قاتارلىقلاردىن 200 تۈپ كۆكتات مايسىسىنى كۆچۈرۈپ بەردى.
مۇختەر مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەن كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن».