تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تىيانشاننى سەيلە قىلىپ، ئارشاڭغا چىلىنىپ، «ئىسسىق-سوغۇق ھۇزۇرىنى تەڭ سۈرۈش»

  قىش ئايلىرىدا ئارشاڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈش ئۆزگىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

  قىمىز كۆلچىكى، قىزىل ھاراق كۆلچىكى، ساپلاشتۇرۇلغان ماي كۆلچىكى، خۇشپۇراق چاي كۆلچىكى، ياغاچ كۆلچەك ..... بۇلار نۆۋەتتە كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرۇۋاتقان چىلىنىش كۆلچەكلىرىدۇر. سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃75 بولغان گۇخەي ئارشىڭىدا ئۆزلۈكىدىن ئېتىلىپ، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئىللىق ئارشاڭ سۈيى بۇ جايغا كەلگەنلەرگە قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. يېقىندا، سانجى ۋۇسەيۋەن گۇخەي ئارشىڭى ئىستىراھەت رايونىدىكى 66 ئىسسىق سۇ كۆلچىكى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئارشاڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشكە جەلپ قىلدى.

  گەرچە قەھرىتان قىش كۈنلىرى بولسىمۇ، بۇيەرگە كەلگەنلەرنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى سۇسلاپ قالغىنى يوق. ئۇلار ئىسسىق ئارشاڭلارغا چىلانغاچ، كۆز ئالدىدىكى ئاپئاق قارلاردىن ھۇزۇر ئېلىپلا قالماي، يەنە سالامەتلىكىنى ئاسراش بىلەن بىرگە ئازادە كەيپىياتقا تولدى. «ئارشاڭغا چىلىنىپ بەكمۇ راھەتلەندىم، قىش ئايلىرىدا بۇ يەرگە كېلىش ھەقىقەتەن ياخشى تاللاش ئىكەن» دېدى ساياھەتچى لى خانىم.

   ئارشاڭ ساياھىتى قىشلىق ساياھەتتىكى ئىككىلەنمەيدىغان تاللاش بولۇپ قالدى. يىراقتا شىنجاڭ باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك ئارشىڭىدىكى 600 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆلچەملىك ئۈستى ئوچۇق كۆلچەك، ئۆي ئىچى ئىسسىق كۆلچەك ئايرىمخانىسى، مەنزىرە رايوندىكى 400دىن ئارتۇق بۇلاق كۆزى؛ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغا ئەڭ يېقىن ۋۇسەيۋەن گۇخەي ئارشىڭى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ساۋەن ئارشىڭى، نىلقا ناھىيەسى بەرگىت ئارشىڭى، تاڭبۇلابۇلۇڭ ئارشىڭى، تاشقورغان ناھىيەسىدىكى تاغارما ئارشىڭى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى ئالشا ئارىشاڭى، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ئارشانغول جىلغىسى ئارشىڭى، شىخو شەھىرىدىكى شىخو ئارشىڭى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى ۋۇجياڭ تىيانشان ئارشىڭى ۋە ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى بۆگدۆر ئارشىڭى قاتارلىق شىنجاڭدىكى 12 تەبىئىي ئارشاڭ سىزنىڭ قىشلىق ساياھىتىڭىزگە رومانتىكىلىق ۋە مەمنۇنلۇق ئاتا قىلىدۇ.

  ساياھەتچىلەر ۋۇسەيۋەن گۇخەي ئارشىڭىدا قىش ئايلىرىدىكى ئارشاڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلماقتا.

  قىش ئايلىرىدىكى گۇخەي ئارشىڭىدا ساياھەتچىلەر ئۆزگىچە شاتلىققا چۆمدى.

  ۋۇجياڭ ئۆي ئىچى ئارشىڭى كىشىگە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن راھەتلىك بېغىشلايدۇ.

  قىشلىق ساياھەتتە گۇخەي ئارشىڭىدا ئىسسىق - سوغۇقنىڭ رومانتىكىلىقىنى ھېس قىلىش.

  ساۋەن ئارشاڭ توپىدا كۈتۈنۈش، ساياھەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن.

  ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى