شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جاڭجياكۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جاڭجياكۇ مۇسابىقە رايونىدىكى 76 مەيدان، ساراي ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە كېلەر يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جاڭجياكۇ بۇ يىل مەيدان، ساراي ۋە مۇناسىۋەتلىك يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىش باشلاش، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئۈچ ھالقىلىق تۈگۈننى سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۈندىڭ قار تېيىلىش باغچىسى، سەكرەش سۇپىسى قار تېيىلىش مەيدانى، دالىدا قار تېيىلىش مەيدانى، قىش پەسىللىك ئىككى تۈر مەركىزىنىڭ سىناق مۇسابىقە ئۆلچىمىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. 76 تۈرنىڭ 67 تۈرىدە ئىش باشلانغان، 4 تۈر تاماملانغان.
بۇنىڭدىن سىرت، بېيجىڭ - جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، يەنچىڭ - چۇڭلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدە مۇشۇ يىل ئىچىدە قاتناش باشلىنىدۇ.
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جاڭجياكۇ مۇسابىقە رايونىدا يەككە تاختايلىق قار تېيىلىش، ئەركىن قار تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، سەكرەش سۇپىسىدىن سەكرەپ قار تېيىلىش، شىمالىي ياۋروپا ئىككى تۈرى، قىش پەسىللىك ئىككى تۈر قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ.