13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى       لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

       شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 3- ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ كاتتا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

  باھاردا پۈتۈن كائىنات ئىللىپ، بارلىق مەۋجۇدات ئويغاندى. خەلق سارىيىنىڭ 10مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى، رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا دۆلەت گېربى قىپقىزىل بايراقلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2975 نەپەر. 3- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا قاتناشقانلار 2948 نەپەر، قاتنىشالمىغانلار 27 نەپەر، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دا، لى جەنشۇ: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئېچىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2018-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، 2019-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى؛ ئۈچىنچى، 2019-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋەزىپىلىرى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى كۆپ يىللاردىن بېرى كەم كۆرۈلگەن مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، ئىقتىسادتا يېڭىدىن تۆۋەنلەپ كېتىش بېسىمى كۆرۈلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يېڭى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق.

  لى كېچياڭ سەككىز جەھەتتىن ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى: ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ قالدۇق؛ ئۈچ چوڭ جەڭنى پۇختا ئېلىپ بېرىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە پائال ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق؛ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتۇق؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتتۇق؛ شەھەر، يېزا رايون تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈردۇق؛ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات-تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىلەندۈردۇق؛ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ تۇرغاندا خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدۇ. نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ۋە خىرىسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم مەسىلە ۋە خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ۋەزىپىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلىشىمىز، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 2019-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى%6تىن %6.5كىچە ئاشۇرۇش؛ شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى %3 ئۆپچۆرىسىدە بولۇش؛ خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ سۈپىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستۈرۈش؛ ماكرو پىشاڭ نىسبىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، مالىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش؛ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىش، ئاھالە كىرىمىنى ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇپ بېرىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش.

  لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: 2019-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىرقانچە مۇناسىۋەتنى ئوبدان ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: بىرىنچى، دۆلىتىمىز ئىشلىرى بىلەن خەلقئارا ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى زېھنىي كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك؛ ئىككىنچى، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 2019- يىلى مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، ئون تۈرلۈك خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز: بىرىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز؛ ئىككىنچى، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلايمىز؛ ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز؛ تۆتىنچى، كۈچلۈك ئىچكى بازارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قوزغىتىمىز؛ بەشىنچى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى نىشانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئالتىنچى، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز؛ يەتتىنچى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەشنى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز؛ سەككىزىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرىمىز؛ توققۇزىنچى، ئىشىكنى سىرتقا ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى يېتىلدۈرىمىز؛ ئونىنچى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز.

  لى كېچياڭ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەت، دىن ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2019- يىللىق پىلان لايىھەسى، 2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى دوكلاتى ھەم 2019-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خامچوت لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ تەكشۈرۈلدى.

  رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۈي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

  ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.