كەنتتە ئاشپەزلىك كۇرسى ئېچىلدى.
مۇخبىرىمىز سۇڭ تىڭ خەۋىرى: «بۇ ئىككى كۈن كەنتتە ئاشپەزلىك ماھارىتى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆيدىكىلەر مېنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىمدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ماختاپ كەتتى، ئىشىكىم ئالدىدىلا تاماق ئېتىشنى ھەقسىز ئۆگىنەلىدىم، بەك خۇش بولدۇم.» تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرى جيۇجيەنلوۋ يېزىسى شىڭجيا كەنتى ئاھالىسى چېن خۇڭيۈ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.
يېقىندا، جيۇجيەنلوۋ يېزىسى شىڭجيا كەنتىنىڭ كەنت يىغىن زالى ئالاھىدە قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ئەسلىدە بۇ يەردە «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ جۇڭگوچە تائاملارنى ئېتىشنى ئۆگىنىش كۇرسى» ئېچىلىۋاتقان ئىدى. شىنجاڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسىپلەر شۆيۈەنىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەش بىلەن ئەمەلىي مەشغۇلاتنى بىرلەشتۈرۈپ، تائام ماتېرىيالىنى تاللاش، دورا-دەرمەكلەرنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەپسىلىي چۈشەندۈردى، مەززىلىك تائاملار تەييار بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتتى.
جيۇجيەنلوۋ يېزىسى شىڭجيا كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما شىنخۇا مۇنداق دىدى: ئوقۇتقۇچىنىڭ سەي قورۇشىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ قول سېلىپ سىناپ باققۇم كەلدى، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئىزچىل ئويلاپ كەلگەن ئاشخانا ئېچىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسى 2-ئاينىڭ ئاخىرى باشلانغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئاشپەزلىك بويىچە تەربىيەلەش يېزىدىكى 5 كەنتنى تولۇق قاپلاپ، جەمئىي كۇرسقا قاتناشقۇچىلار سانى مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئاساس سېلىنىدىكەن.
كەنت ئاھالىلىرى يېڭى چىققان قورۇمىنى تېتىماقتا.