تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«نامرات كۈلبە»دىن كۆچۈپ، يېڭى كەسپ تىكلەش

  رەناگۈل قەھرىمان(سولدىن ئىككىنچى) شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىنىڭ يىمىن يېڭى كەنتىدىكى يېڭى ئۆيىدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئەتىگەنلىك تاماق يېمەكتە. (2-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) شىنخۇا تورى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: كۇئېنلۇن تاغلىق رايونى بىلەن خوشلىشىپ، ئىللىق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىش بىلەن تەڭ،  رەناگۈل قەھرىمان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ «كۆڭلىنى تىنىم تاپقۇزمىغان» ئىش ھەل بولدى. بۇلتۇر 8-ئايدا، 1149 ئائىلىلىك دېھقان، چارۋىچى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى كوسراپ يېزىسىغا 94 كىلومېتىر كېلىدىغان قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىنىڭ يىمىن يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. بۇ يەردە ھەممە نەرسە يېڭى ئىدى. «ئەمىن ئۆيدە پار بار ئىكەن، ئەمدى سوغۇق ئازابىنى تارتمىغۇدەكمىز، تەبىئىي گاز، تۇرۇبا سۈيى، ئالاقە تورى، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل ئىكەن، بۇرۇن بىزنى قىيناپ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەر ھەل بولدى» دېدى رەناگۈل قەھرىمان. ئۇنىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ 40-30 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بېزىلىشى، ئۆي جاھازىلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئۇلارنىڭ تىجارەت دۇكىنىنىڭ تاپاۋىتىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۆيدە تېلېۋىزور، سۇ ئىسسىتقۇچ، توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. «تازىلىق ئۆيىنىڭ بولغانلىقى ئەڭ قولاي بولدى، ئىلگىرى تالادىكى ھاجەتخانىلاردا چىۋىنلەر ئۇچۇپ يۈرەتتى؛ ئەمدى تۇرۇبا سۈيىمۇ بار بولدى، دەريادىن سۇ ئەكەلمىسەكمۇ بولىدۇ» دېدى رەناگۈل قەھرىمان. رەناگۈل بىر دۇكان ئاچقان ئىدى، يولدىشى مەرغۇپ بولسا سۇ، پار يوللىرى رېمونتچىسى ئىدى، مەرغۇپ ئىشنىڭ ئارسال ۋاقىتلىرىدا يەنە ئاپتوموبىل ھەيدەپ تىرانسپورت تىجارىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىناتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلىىسى يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلگەندىن ھازىرغىچە 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقانىدى. چاغان ھارپىسىدا، يەنىلا نامرات ئائىلىلەر تىزىملىكىدە تۇرغان رەناگۈل قەھرىمان ئائىلىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە «قالپاقنى ئېلىپ تاشلاپ» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىلتىماسى تاپشۇردى. 2018-يىل، شىنجاڭدا يەنە 537 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئۈچ ناھىيە، 513 كەنت نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدى، شىنجاڭ بويىچە نامراتلىشىش نىسبىتى %6.51كە تۆۋەنلىدى.

  ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى