تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«قۇش تاغا»نىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خاتىرىسى

ۋاڭ ليۇجى فوتو- سۈرەت ھەۋەسكارلىرىغا چۈشلۈك تاماق تەييارلاپ بەرمەكتە.

  خېنەن ئۆلكىسى رۇياڭ ناھىيەسىنىڭ ۋاڭپىڭ يېزىسى مېڭسۈن كەنتى فۇنيۇشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان. قىشتا تاغ قېلىن قار بىلەن قاپلانغاندا، تاغدىكى ياۋا قۇشلارنىڭ دائىم ئوزۇقى يېتىشمەيدۇ. بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن ۋاڭ ليۇجى مېڭسۈن كەنتىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ دائىم ئۆيىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ چىقىپ ياۋا قۇشلارنى باقتى، بۇ «زېرەكچاق»لار ئۇنىڭ «تونۇش مېھمان»ىغا ئايلاندى، ۋاڭ ليۇجىمۇ شۇ جايدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «قۇش تاغا» دەپ ئاتالدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، نۇرغۇن فوتو- سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كېلىپ قۇشلارنى سۈرەتكە تارتىدىغان بولدى.

  قۇشلار ماكانىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ۋاڭ ليۇجى قۇشلار دائىم بېرىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدىغان ۋە ئوينايدىغان جايدا، فوتو- سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ سۈرەتكە تارتىشقا تەشكىللىدى. ۋاڭ ليۇجىنىڭ قۇشلارنى ئاسراش ھەرىكىتى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇ ئۆزىمۇ قۇشلارنى سۈرەتكە تارتقۇچىلارنى قاتناش قورالى، يېمەك- ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى، ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ھېسابلىنىدىغان ئۇ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى ئەن فوتوسى)

ۋاڭ ليۇجى فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان تېلېفونىنى ئالماقتا. (3-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)

ۋاڭ ليۇجى قۇشلارغا يەم تاشلاپ بەرمەكتە. (3-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)

بىر نەچچە قىزىل پوكانلىق قىرغاۋۇل دەرەختە دەم ئالماقتا. (3-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)

ۋاڭ ليۇجى فوتو- سۈرەت ھەۋەسكارلىرىغا شۇ جايدىكى قۇش تۈرلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى تونۇشتۇرماقتا. (3-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)

ئىككى قىزىل پوكانلىق قىرغاۋۇل دەرەخلىكتە ئوينىماقتا. (3-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى