تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قانچە كۆپ ئۇخلىسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

  ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش رىتىمى تېز، خىزمەت بېسىمى ئېغىر، ئادەتتە ھەمىشە ئۇيقۇسى قانمىغاندەك ھېس قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەپتە ئاخىرى بولسىلا ئۇخلاشقا ئامراق بولۇپ، چۈشكىچە ئۇخلىسا روھلۇق بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل راستىنلا سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟ فرانسىيەدە چىقىدىغان «ئىلگىرىلەش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى(ESC) نىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەركۈنى كەچتە ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە ئۇخلاش سالامەتلىككە ئەڭ پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى كەم ئۇخلاشنىڭ بىردەك سالامەتلىككە ناچار تەسىرى بولىدىكەن.

  ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، گرېتسىيە ئوناس يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 11 تۈرلۈك تارىخىي تەتقىقات ئۈستىدە ئۇنىۋېرسال مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، تەتقىقات ئوبيېكتى تەخمىنەن 1 مىليون يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى تارىخى يوق قۇرامىغا يەتكەن كىشىىگە چېتىلىدىكەن.

  تەكشۈرگۈچىلەر بۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن ئوتتۇرىچە 9.3 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەت ئارىلىقىدا بولغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە سائەتكە يەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ياكى مېڭە سەكتىسىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %11 يۇقىرى چىققان، ئۇيقۇسى سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %33 يۇقىرى بولغان.

  بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل دوكتور ئىپامىنونداس فونتاس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەتقىقات نەتىجىسى زىيادە كۆپ ياكى زىيادە ئاز ئۇخلاشنىڭ ئوخشاشلا يۈرەككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. گەرچە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما بىر نۇقتا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق، يەنى ئۇيقۇ گلۇكوزىنىڭ مېتابولىزمى ۋە قان بېسىمى قاتارلىق بەدەن ئالاھىدىلىكلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  دوكتور فونتاس تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: مۇۋاپىق ئۇيقۇ ساغلام تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئاندا- ساندا كەچ ئۇخلاش ياكى بەك كۆپ ئۇخلىۋېتىشنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى يوق دېيەرلىك، لېكىن نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياكى بەك كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى