1.پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىسىنى ئاز ئىستېمال قىلىش
يېمەك-ئىچمەكنىڭ دانىخورەككە بولغان تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قان قەنتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنىڭ دانىخورەكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئاق بولكىنىڭ تەركىبىدە يۇقىرى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىسىى ۋە GI قىممىتى (قان قەنتى ھاسىل قىلىش كۆرسەتكۈچى ــ يېمەكلىكنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ قان قەنتىنى ئۆرلىتىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ)مۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئالىملار كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ ئىنسۇلىن قىممىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى، تۈك خالتىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى ۋە ماينى كۆپەيتىدىغان ھورموننى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.
2. بېسىمنى يېنىكلىتىش
نىيۇيوركلۇق دوختۇر بېس مىكلېلىن مۇنداق دېدى: «بېسىم تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئەمما ئەسلى بار بولغان كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ». جىددىي ھالەت تېرە ياغ بېزىنى غىدىقلاپ، ھورموننىڭ بەدەندە ياللۇغ پەيدا قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، چېنىقىش، چوڭقۇر خىيال سۈرۈش ۋە باشقا بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۇسۇللىرى تېرىنى راھەتلەندۈرىدۇ.
3.چاي دەرىخى مېيى ئىشلىتىش
چاي دەرىخى مېيى خىمىيەدە بېنزويىل پېروكسىدقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى ئاجىز، ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى دانىخورەكنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، دانىخورەكنى يۇقۇملاندۇرىدىغان باكتېرىيەنى ئازايتىدۇ، تېرە ھۈجەيرىسىدىكى ياللۇغنى تىزگىنلەيدۇ.
4. تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېرىسىگە دانىخورەك چىقىدىغانلار دانىخورەك چىقمايدىغانلارغا قارىغاندا، تۇزلۇقراق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىكەن. شۇڭا تۇز مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۈندىلىك ئىستېمال قىلىنىدىغان تۇزنىڭ مىقدارىنى 5 گىرامدىن تۆۋەن مىقداردا كونترول قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى