تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاش، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاش، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك
ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ھەم مۇزاكىرىگە قاتناشتى

3- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى)

      ■يېڭى دەۋر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، نەزەرىيەچىلەرنى چاقىرماقتا، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى، ئىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش چەكسىز بوشلۇققا ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇش، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاش، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

      ■جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەش، يېڭى دەۋرنى يېزىش، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش بۇرچىنى زىممىسگە ئېلىپ، دەۋر تېمىسىغا دادىل جاۋاب بېرىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىدىن ئىجادىيەت باش تېمىسىنى بايقاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىلھامىنى تۇتۇپ، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنىڭ تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنىڭ مەنىۋى سەھىپىسىنى تەسۋىرلەپ، دەۋر ئۈچۈن ئوبراز تىكلىشىنى، دەۋر ئۈچۈن داستان پۈتۈشىنى، دەۋر ئۈچۈن توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، نەزەرىيەچىلەرنى چاقىرماقتا، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى، ئىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش چەكسىز بوشلۇققا ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇش، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاش، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

      بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، تيەن چىنشىن، دېڭ چۈندۇڭ، چېن لى، ۋاڭ شۆديەن، ۋاڭ چۈنفا، لى داجىن، فېڭ يۈەنجېڭ، لى چيەنگۇاڭ قاتارلىق سەككىز ئەزا مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىنىڭ يېڭى پەللىسىگە چىقىش، جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئىجاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، مۇزېينىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

      شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مۇزاكىرىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئەزالاردىن، بارلىق مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىدىن، بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018- يىلى قالتىس بىر يىل بولدى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇردى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاندى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشتى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ھەم ئۇنىڭغا بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەرقايسى يولداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى يىلتىزنى پەرۋىش قىلىدىغان، روھنى تاۋلايدىغان خىزمەت، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيەت خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىغا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ساھەسى بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئاساسنى توغرىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى نەتىجىنى ئىشقا ئاشۇردى، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، خەلق ئۈچۈن ئىجاد قىلىش يۆنىلىشى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى، ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەش، يېڭى دەۋرنى يېزىش، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋر تېمىسىغا دادىل جاۋاب بېرىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىدىن ئىجادىيەت باش تېمىسىنى بايقاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىلھامىنى تۇتۇپ، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنىڭ تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنىڭ مەنىۋى سەھىپىسىنى تەسۋىرلەپ، دەۋر ئۈچۈن ئوبراز تىكلىشىنى، دەۋر ئۈچۈن داستان پۈتۈشىنى، دەۋر ئۈچۈن توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بارلىق مۇۋەپپەقىيەت خەلققە مەنسۇپ، بارلىق شان - شەرەپ خەلققە مەنسۇپ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىدا تەسۋىرلەنگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن خەلققە زىچ تايىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش ۋە قوزغىتىش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا ئالدى بىلەن كىم ئۈچۈن ئىجاد قىلىش، كىم ئۈچۈن سۆزلەش مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ بىر نېگىزلىك مەسىلە. خەلق ئىجادىيەتنىڭ باش مەنبەسى، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقاندىلا، ئىجادىيەتتە پۈتمەس - تۈگىمەس، قۇرۇماس بۇلاققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلەپ، قەلبى، مېھرى، زېھنى بىلەن خەلقنى يېزىشى، خەلقنى تەسۋىرلىشى، خەلقنى مەدھىيەلىشى كېرەك. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى كۆپرەك نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تومۇرىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەپ تۈگۈننى يېشىپ، داۋلىنى چۈشەندۈرۈپ، بىلىمنى ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قىممىتى بار، ئەھمىيىتى بار بارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ھەممىسى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، رېئاللىققا كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەممىسى رېئال مەسىلىنى ھەل قىلىشقا، رېئال تېمىغا جاۋاب بېرىشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ مەۋقەنى جۇڭگونىڭ رېئاللىقىغا قويۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشى ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېسىل تۇرمۇشىنى ياخشى ئىپادىلەپ، ياخشى نامايان قىلىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى ياخشى شەرھلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئۆز يېرىدە يىلتىز تارتىش، دەۋردە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشنى ئاساس قىلىپ، ئەسەرنىڭ مەنىۋى يۈكسەكلىكى، مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى، سەنئەت قىممىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى مەۋقەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئۆزلۈككە، مۇستەقىل ئىجادچانلىققا ئىگە نەزەرىيەۋى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى ئىدىيەنى قوزغىتىش، پەزىلەتنى تاۋلاش، قەلبنى ئىللىتىش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. كۆپچىلىك جەزمەن ئۇلۇغۋار ئىرادىسى، ياخشى ئەخلاقى، ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئېتىقادلىق، مېھىر - مۇھەببەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئۇلۇغۋار غايە - ئىستەك ۋە چوڭقۇر ئائىلە دۆلەت مېھىر - مۇھەببىتى تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ دۆلەت، مىللەت، خەلققە تۆھپە قوشىدىغان سەنئەتكار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئالىيجاناب كەسپىي ئەخلاقنى چىڭ ساقلاپ، كۆپرەك جاپالىق ئەجىر قىلىپ، كۆپرەك ھەقىقىي ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كەسىپتە تىرىشچان بولۇش، كەسىپتە پىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلىشى، ئۆزىنى ئىززەتلىشى، ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزىنى سۆيۈشى، سالاپەتكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇسلۇبقا ئەھمىيەت بېرىشى، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. مەيلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدا بولسۇن، ياكى دۇنيا تارىخىدا بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان كۈرەش داستانى. كۆپچىلىكنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرەش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى لوگىكىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ئارقىسىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى ئەۋزەللىكىنى ئېنىق سۆزلەپ، جۇڭگو نەزەرىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ جۇڭگو ئەمەلىيىتىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ئىلھام بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەلرايى ــــ ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئورتاق تونۇش ــــ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاشقا موھتاج، مۇجەسسەملەشكە موھتاج، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشكە موھتاج. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاكتىپ كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆز ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماسلىقىنى، بۇرچنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، شيا باۋلۇڭ، ۋاڭ يۇڭچىڭ، ليۇ شىنچېڭ قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.