تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] چىۋەرلىك بىلەن گۈل تىزىپ، ئائىلىلەرگە مۇھەببەت يەتكۈزۈش

  مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسى شىنچېڭ مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە شىنمىن غەربىي كوچىسى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بىرلىشىپ 80 دىن ئارتۇق مەھەللىدىكى ئايال ئاھالە، قوشماق تۇغقان ۋە مۇھىت ئاسراش ئىشچىسىنى تەكلىپ قىلىپ، «ئاياللار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈش . ئائىلىلەرگە مۇھەببەت يەتكۈزۈش» «8-مارت ئاياللار بايرىمى»نى تەبرىكلەش بويىچە باش تېمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

  مۇخبىر نەق مەيداندا مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپچىلىككە گۈل تىزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىياللار ۋە سايمانلارنى تەييارلاپ قويغانلىقىنى كۆردى. گۈل سەنئىتى ئۇستىسىنىڭ قەدەم-باسقۇچ ۋە مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئاھالىلەر زور قىزىقىش بىلەن گۈل تىزىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، گۈل سەنئىتى ئۇستىسىنىڭ بىر-بىرلەپ يېتەكلىشى ئاستىدا، كونۋېرت گۈل سېۋىتى، قولدا كۆتۈرۈۋالىدىغان گۈل سېۋىتى قەدەممۇقەدەم شەكىللەندى.

  شىنچېڭ مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ چىيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شىنمىن غەربىي كوچىسى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشكەن، شۇنداق قىلىپ ئىككى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بىرلىشىپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن ئىككى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى 5000 يۈەندىن ئارتۇق گۈل، گۈل سېۋىتى ۋە سايمانلارنى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇلاردىن 110 گۈل سېۋىتى ياساشقا بولىدىكەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى