تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بۇ خىل قۇلاق كولاش ئادەتلىرى ئەمەلىيەتتە خاتا

 تىيانشان تورى (مۇخبىر دۇڭ شياۋخەن خەۋىرى) 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 20-نۆۋەتلىك «مەملىكەتلىك قۇلاق ئاسراش كۈنى». تۇرمۇشىمىزدا، نۇرغۇن كىشىلەر قۇلاق ساغلاملىقىغا سەل قارايدۇ. قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرى بۆلىمىدىكى دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، قۇلاققا قارىتىلغان كىچىك ھەرىكەتلەرگە ئەمەلىيەتتە چوڭ خەۋپ يوشۇرۇنغان بولىدىكەن. مەسىلەن، دائىم خاتا ھالدا قۇلاق كولىغاندا، تازىلاش ئۈنۈمى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدىكەن.

  3-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل مۇدىر ۋىراچى، 21 يىللىق داۋالاش تارىخىغا ئىگە ۋۇ جاۋخوڭ مۇنداق دېدى: «ئادەم بەدىنى سىرتقى قۇلاق يولىنىڭ تېرىسى ئىتايىن ئاجىز ھەم نازۇك، كۆمۈرچەك پەردىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن، قۇلاق كولىغاندا بەك كۈچەپ كەتكەندە سىرتقى قۇلاق يولى زەخمىلىنىپ، ياللۇغلىنىپ، سىرتقى قۇلاق يولى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.»

     تۆۋەندە، كۆپچىلىك ۋۇ دوختۇرنىڭ  پەننى ئوموملاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملىرىنى ئاڭلاپ باقايلى!

   قۇلاقنى بۇنداق كولاش خاتا

   1. پەلكۈچ ئىشلىتىش. قۇلاق كىرىنى ئاسانلا قۇلاقنىڭ ئىچىگە ئىتتىرىپ كىرگۈزىۋېتىپ، توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ؛ پاختا تالاسى ياكى سۇنۇپ كەتكەن پەلكۈچ قۇلاققا كىرگەندىن كېيىن غەيرىي ماددا بولۇپ، ئاسانلا سىرتقى قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ، كۆمۈرچەك پەردىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.

   2. سەرەڭگە، كىچىك چاچ قىسقۇچلارنى ئىشلىتىش. قاتتىق نەرسىلەر بىلەن قۇلاق كولىغاندا سىرتقى قۇلاق يولى تېرىسىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ-دە، سىرتقى قۇلاق يولىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

   3. بارماق ئىشلىتىش. تىرناق ئارىسىغا باكتېرىيە يوشۇرۇنغان، بارماق بىلەن قۇلاق كولىغاندا باكتېرىيەنى قۇلاققا كىرگۈزگەن بىلەن باراۋەر بولۇپ، قۇلاق كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

   4. ئاممىۋى سورۇندا قۇلاق كولاش. مۇھىت تازىلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ مۇنچا، ھورداقخانا قاتارلىق نەم مۇھىتتا قۇلاق كولاشقا بولمايدۇ، ئاسانلا زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى