تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

قار-مۇز ساياھىتى بۇ يىل ئۈرۈمچى ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاپ بەردى

3-ئاينىڭ 2-كۈنى، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانى تاغ چوققىسى مەنزىرە نۇقتىسى، ساياھەتچىلەر قار تېيىلىش مەيدانى ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى بىلەن بىرلىكتە شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز لى كەي، چېن يەن): 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىنىڭ قار پەسلى ئاخىرلىشىدۇ، بۇ پەسىلدە ئۈرۈمچىدە قار-مۇز ساياھىتى قىلغۇچىلار سانىنىڭ ئون مىليون ئادەم قېتىملىق رېكورتنى بۇزۇشىدىن ئۈمىد بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى  %60 كۆپىيىدۇ.

  3-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى قار تېيىلىش مەيدانلىرى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى ئارقا-ئارقىدىن توختىتىدىكەن. قار پەسلىنىڭ ئاياغلىشىشىغا بىر ئايمۇ ۋاقىت قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قار پەسلىدىكى قار-مۇز ساياھەتچىلىكى 2019-يىلى مەركىزىي شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاپ بەرگەن.

  يىپەك يولى خەلقئارا ئىستراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى خۇاڭ خې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قار تېيىلىش مەيدانى 3-ئاينىڭ 24- كۈنى «قار تېيىلىشنى توختىتىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈشنى مۆلچەرلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ «ئوتتەك ئاپتاپتا قار كۆرۈش»نىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  خۇاڭ خې مۇنداق دېدى: 2- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستراھەت رايونى كۈتۈۋالغان ئادەم 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، «ئۈرۈمچىدە ئوتتەك ئاپتاپتا قار كۆرۈش»تەك كۇرسلۇق ماركا شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى.

  ساياھەتچىلىك شەھىرىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ قالدى. 2018- يىلى، شەھىرىمىزنىڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمىدە رېكورت يارىتىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەھىرىمىز ساياھەتچىلىكى تېز تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ساياھەتچىلىكتە فونتانسىمان ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، يېڭى يىل ۋە چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەت بازىرىدا ئاۋات مەنزىرە شەكىللەندى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) نىڭ ئىدارە باشلىقى جۇ شىنرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز ساياھەتچىلىكى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شەھەر بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ئادەم سانى ۋە كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70تىن كۆپرەك ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت مەيدانى ۋە بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى كۈتۈۋېلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە قاتلاندى. ساياھەتچى مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بىرلەشكەن قار- مۇز ساياھىتى پائالىيىتىنىڭ تىرەك بولغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى