تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون رايونغا قاراشلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ساھەسىدىكى مەسئۇل تارماقلار پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنىڭ مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇشتىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچتى
كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

      شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون رايونغا قاراشلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ساھەسىدىكى مەسئۇل تارماقلار پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنىڭ مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇشتىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مۇستەھكەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەسپىي مائارىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بايراقنى روشەن قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر مائارىپى ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «توغراق روھى بىلەن ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە پارتىيەنىڭ تەشكىلاتى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ رولى، پارتىيەنىڭ خىزمىتى، پارتىيەنىڭ پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ كۈچىنىڭ زورىيىپ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، مەكتەپلەرنى توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىقنىڭ نەمۇنىلىك ئورنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مائارىپتىكى بۇ تۈپ مەسىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئورنى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

     يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ساھە باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى