ئەنگلىيە ئېدىنبورگ داشۆسىنىڭ بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرە يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشنىڭ ئاچقۇچى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرە ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يادروسى. ئالىملار بۇ خىل ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى ئىقتىدارى بارلىقىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئىچكى تېرە ماددىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كۈچلۈك ئۈنۈملۈك ھورمون مولىكۇلىلىرىنى ئىزدەپ ھەم «پىلە قۇرۇتىدەك يەۋېتىدىغان»لىقىنى بايقىغان. ئىچكى تېرە ماددىسىنىڭ قاندىكى قويۇقلۇقىنى ئۆلچەش ۋە تەڭشەش ئارقىلىق، چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىش ھالىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ، شۇ ئارقىلىق قان بېسىمىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدىكەن.
تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەللىكى دورىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان كېسەللەر ئارىسىدا، چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان دورا ئىستېمال قىلغان كىسەللەر بىلەن باشقا دورىلارنى ئىشلەتكەن كىسەللەرنى سېلىشتۇرغاندا، ئاۋۋالقى تۈردىكى كىسەللەر(چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان دورا ئىستېمال قىلغان كىسەللەر)نىڭ قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.