تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرايلى

−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

    مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان بولۇپ، ئۇ پارتىيەنىڭ تەقدىرىگە، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

    2019- يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە مەركىزىي كومېتىت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان بىر يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى كۆزلەپ، كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتىدە چېنىقىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قارىتا ئېنىق تەلەپ قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ۋەزنى ئېغىر، مەنىسى چوڭقۇر، سەمىمىي، ئۈمىدكە تولغان، ئۇ، كەڭ كادىرلارنى، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنى يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، قەيسەرلىك بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

    مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى بايقاش، تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارى بولۇشىغا ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. قانداق قىلغاندا بىر يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنىنى قۇرغىلى بولىدۇ؟ ئاچقۇچ يېڭى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى بالدۇر بايقاش، ۋاقتىدا تەربىيەلەش، توختىماي ئۈزلۈكسىز تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشتە. قانداق قىلغاندا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان، دەۋرنىڭ زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان مۇنەۋۋەر ياش كادىرلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگىلى بولىدۇ؟ ئاچقۇچ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپ بويىچە، دائىم ئۆگىنىش، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش داۋامىدا نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش داۋامىدا غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، پۇختا قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش قەلبى، خەلققە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش قەلبى، كەسىپكە ئىنتىلىش قەلبى، قانۇن - ئىنتىزامدىن ئەيمىنىش قەلبىنى ساقلاپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، سىياسىيدا كۈچلۈك، قابىلىيىتى ئۈستۈن، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى. سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە قەتئىي بولۇشنىڭ ھەممىسى نەزەرىيە جەھەتتە قەتئىي بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. كادىرلار ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن، جەزمەن ماركسىزملىق نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىزنىڭ پارتىيەمىز جۇڭگودىن ئىبارەت 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، ئىنتايىن مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتى ئالدىدا، مۈشكۈل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان، ئەگەر نەزەرىيەۋى تەپەككۇر كەمچىل بولسا، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلىشى تەس، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشىمۇ تەس. بۇ بىزدىن نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئىگىلەش ۋە ئۇنى تەتبىقلاشنى، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىگىلەشنى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار نەزەرىيە ئۆگىنىش جەھەتتە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى باش تېما قىلىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش، پۇختا ئۆگىنىش، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىش، ئۆزىگە تەتبىقلاش، مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاش، خىزمىتىگە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئوقۇشنى كۈچەيتىش، خاتىرىلەشنى كۈچەيتىش، دائىم ئۆگىنىش، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش داۋامىدا نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلىغىلى بولىدۇ.

    ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئۆزىنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش كېرەك. كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشى، ئەخلاق سەۋىيەسى قانداق قىلغاندا ئاندىن ئۈزلۈكسىز ئۆسەلەيدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتى، قىممەت ئىنتىلىشى، مەنىۋى مەنزىلى، ئىستىل پەزىلىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ سىڭگەن. پەقەت ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇپ، كەمتەرلىك بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ. تەربىيەلىنىشنىڭ ئاساسى قەلبنى تەربىيەلەش، قەلبنى تەربىيەلەشتە ئالدى بىلەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئىرادىنى يېتىلدۈرۈش، باشتىن - ئاخىر پارتىيە بىلەن قەلب بىردەكلىكىنى ساقلاش كېرەك؛ سىياسىي ئۆتكۈر كۆزنى تاۋلاپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىيدا زېرەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولۇش كېرەك. ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشنى چېنىقتۇرۇپ تاۋلاپ، مەنىۋى ئىنتىلىشنى قەتئىي ساقلاپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر پاك، ئىنتىزامچان بولۇشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي نەتىجە يارىتىش كېرەك.

    «بىر يىللىق پىلان بىلەن زىرائەت تېرىغىلى بولىدۇ؛ ئون يىللىق پىلان بىلەن دەرەخ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ ئۆمۈرلۈك پىلان بىلەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ». جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ ئادەمدە، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇنەۋۋەر رەھبىرىي ئىختىساسلىقلارنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچ قوشۇنىغا مۇجەسسەملىسەك، بىز چوقۇم «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يېتەرلىك كادىرلار زاپىسى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى