تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئالغا سىلجىتىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم

    بىز كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيەلىك كادىرلارغا قويغان يېڭى تەلەپ ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

    غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى ياخشى قوغداش كېرەك. غايە - ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ قىزىل گېنى، ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى، كۈچ مەنبەسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت يولىغا ماڭغانلىقىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ غايە - ئېتىقادىدا مەسىلە كۆرۈلگەن. مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ دەۋردە، بىز پارتىيەلىك كادىرلار ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشكە يېتەكلەشتەك شەرەپلىك بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئادالەتنى ياقلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىپ، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ، غايە - ئېتىقاد ماياكى ئارقىلىق ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتۇشىمىز كېرەك.

    تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ساپاسىنى نامايان قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقنى سىياسىينىڭ جېنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. دىققەتنى، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر باش نىشاننى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، شەخسنىڭ پاك بولۇشىنى ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، تىرىشىپ باشلامچىلاردىن بولىدىغان» كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، «ۋەتەنگە سادىق بولۇپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، سېپىلنى قۇرۇش» پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلىشىشقا يېتەكلەپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي، قاچقۇدەك ئورۇن قالدۇرماسلىق كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىز پارتىيەلىك كادىرلار جەزمەن باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، ساقلاپ تۇرالماسلىقتەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، ئاستىلىتىشقا بولماسلىقتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە مېخانىزمنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى قەتئىي تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

    خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان، دىققەت قىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قاتنىشىشقا قوزغاش كېرەك. بىز باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە ئاممىنى قەلب تۆرىمىزگە قويۇپ، ھەرىكەتتە ئاممىنى دەۋرگە زىچ ئەگىشىشكە يېتەكلەپ، ئۇسۇلدا ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كەڭ ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. بىز پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەگە ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، دۆلەتكە ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىستىلدا، خىزمەت ئورنىمىزنى بازا بىلىپ ساقلاشتا، خىزمەتنى كەسىپ بىلىپ ئىشلەشتە، تۆھپە قوشۇشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي ھالدا «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»قا قارشى قول سېلىپ جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئۆزىمىزگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك ئاڭلىقلىقتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنى بىر تۈر، بىر تۈردىن ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلىنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىپ، ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ياخشى بېجىرىشىمىز كېرەك؛ نەتىجە - ئۈنۈمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ياخشى كادىر ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كەڭ كادىرلار، ئامما ئۈچۈن ئوبراز تىكلەپ، باشلامچىلاردىن بولۇش كېرەك. بىز پارتىيەلىك كادىرلار «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت» دېگەننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى سىناقلىرىدا باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا، مۇستەھكەم تۈۋرۈككە، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى