تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

كېرىيە ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەركىنجان قادىر

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بايرىقىم روشەن ھالدا ئۆزۈمنىڭ مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

    مەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھەسەلدىنمۇ تاتلىق ياخشى كۈن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ھازىر، ھەر مىللەت ئامما كېسەل كۆرسىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئىشىكى ئالدىدىلا يەسلىدە ئوقۇيالايدىغان بولدى، دېھقان - چارۋىچىلار رەتلىك، چىرايلىق ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدى، «ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش» دېھقان - چارۋىچىلارنى ئۆيىدە رادىيو ئاڭلىيالايدىغان، تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان قىلدى، ھەممە ئائىلە تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى مەنىلىك ئۆتمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

    مەن كۆپ مىللەت ئىناق ئۆتىدىغان مۇھىتتا ئوقۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ، ئىتتىپاقلىق - مۇقىملىقنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدىم. مەن ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. بۇ يەردە مەن كەسكىنلىك بىلەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى:

    «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، قوشۇننى ساپلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ھەققانىيەت شەمشىرى ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويمايمەن. ھەققانىيەت ساداسى ئارقىلىق ئاممىنى ئويغىتىپ، ئاممىغا ئىشىنىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى قوزغاپ، توغرا كەيپىياتنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز قېزىپ چىقىپ، پاكىز يوقىتىمەن.

    بىز دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن - ئاخىر كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقايلى، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەيلى. بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى قۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى