تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى مۇستەھكەملەيمەن

گۇما ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مەتاۋۇللا مەتنۇر

      بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىزنىڭ مۇقىم، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن. مېنىڭ ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىم بار، مەجبۇرىيىتىم بار. ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

      بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمەن.

      مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمەن، راۋاجلاندۇرىمەن. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى مۇستەھكەملەيمەن.

      دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرىمەن. قانۇننى ئۆلچەم، سىياسەتنى ئاساس قىلىپ، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا، مەيدان - سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا، دىنلار ئىناقلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

      دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەيمەن. دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشقا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىشقا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزام ۋە سىياسەتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى زامانىۋى ئىلىم - پەن، ئىلغار مەدەنىيەت ۋە مەدەنىي كەيپىياتنى قەدىرلەپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ تىرىشچانلىق بىلەن بېيىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

      بىرلىك سەپ كادىرلىرىغا بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن. ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ كادىرلىرىنى ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا تەربىيەلەيمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن - ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مەردانىلىك بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، ھالقىلىق پەيتتە سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى