تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

«تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باقىت قىدىرباي


      پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلغان ۋە گۈللەنگەن، ئاۋات - باي بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىماي، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تارىخىنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بىز جەزمەن شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. بۇ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. بىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

      باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرىمەن. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى ھاياتىم دەپ بىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولىمەن. باشتىن - ئاخىر مۇقىملىق خىزمىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، قەلبىمگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن، پوزىتسىيەم قەتئىي بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆتكۈرلۈكىنى تولۇق تونۇيمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇيمەن.

      باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باشتىن - ئاخىر ئومۇملۇق ئېڭىنى كۈچەيتىشنى مەسئۇلىيەت قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككى پان» ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرنى پاش قىلىمەن، تەنقىد قىلىمەن. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىپ، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەشكە پائال يېتەكلەيمەن.

      باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باشتىن - ئاخىر يادرو ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ھېسسىياتىمغا، ئېتىقادىمغا سىڭدۈرىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، بۇيرۇقنى دەرھال ئىجرا قىلىش، چەكلىگەنگە دەرھال بويسۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ نوپۇزى ۋە ئوبرازىنى قوغدايمەن. ئەمەلىيەت قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، پەقەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاندىن بەختلىك، خاتىرجەم زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

      باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باشتىن - ئاخىر بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى قىلىپ، ھەر ۋاقىت قەدەمدە بىردەك بولۇشنى ساقلايمەن. يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە توغرىلىنىپ، پارتىيەنىڭ بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، باشتىن - ئاخىر بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەدەمدە بىردەك بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ زور تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك. مەن ھەر ۋاقىت ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى