تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قانداق قىلغاندا قول-پۇت يېرىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

  قانداق قىلغاندا قول-پۇت يېرىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ بىرىنچىدىن، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇيۇش كېرەك. قولنى زىيادە كۆپ يۇيماسلىق، قول يۇيىدىغان سۇ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، تېرە مېيىنىڭ كۆپ مىقداردا ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش؛ ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك سوپۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك؛ ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا سۇلياۋ پەلەي كىيىپ، ئىمكانقەدەر كىسلاتا، ئىشقار قاتارلىق خىمىيەلىك تازىلاش دورىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىق كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، قولنى توغرا ئۇسۇلدا ئاسراش كېرەك. ھەر قېتىم قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، قول ئاسراش مەلھىمى سۈرۈپ، تېرىنى بىر قەۋەت ماي پەردىسى بىلەن قاپلاش لازىم، سىرتقا چىققاندا پەلەي كىيىۋالغاندا سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ قولنى ئىسسىق ساقلىغىلى، سوغۇق ۋە قۇرغاقنىڭ قولغا بولغان غىدىقلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، پۇتنى سۇغا چىلاپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش. كەچتە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بولغاندىن كېيىن، يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماي، گىلىتسېرىن، ۋازېلىن قاتارلىق تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش بۇيۇملىرىنى سۈرۈش.

  تۆتىنچىدىن، غىزالىنىش جەھەتتە سەۋزە، بوسەي، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىق كۆكتاتلار، شۇنداقلا ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن Aنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ تېرىنى قوغداش، يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى