تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىردەك بولۇش] ئىككى ئائىلىنىڭ 40 يىللىق مۇھەببەت تەقدىرى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر تيەندۇڭ): «ئاپا، سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ مەن ئەتە دەم ئالىمەن، سىزنى كۆرگىلى بارىمەن...» 2-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پىلانلاش قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى شۈ خەيلياڭ قولىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپلا، قولىغا تېلېفوننى ئېلىپ، 140 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جىمسار ناھىيەسى چۈەنزىگەي بازىرىنىڭ نيۇجۇەنزىگو كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قازاق ئاپىسى كەزىپەگە تېلېفون ئۇردى.

  بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن شۈ خەيلياڭ نيۇجۇەنزىگو كەنتىدىكى بىر مال دوختۇرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، مال دوختۇرلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دادىسى شۈ ۋەنشىڭ بىلەن چارۋىچى بادەن بىر ئائىلىلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. كىمنىڭ ئۆيىدە خۇشاللىق ئىش ياكى قىيىنچىلىق بولۇپ قالسا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشەتتى. ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى دوستلۇق مېھرى ئىككى ئائىلە ئارىسىدا «يىلتىز تارتىپ چېچەكلىگەنىدى.»

  شۈ خەيلىياڭ كىچىك ۋاقتىدا، ئۆيىگە ئالغان پاخلانلارنىڭ ھەممىسىنى بادەننىڭ بېقىشىغا بېرەتتى، ئۆيدىكىلەر گۆش تامىقى يېمەكچى بولغاندا، گۆشنى بادەننىڭ ئائىلىسىدىن ئالاتتى. بادەننىڭ بالىسى كۆپ بولغاچقا، ئاشلىقى يېتىشمەيتتى. شۈ ۋەنشىڭ ئۆيىدىكى ئۇن-گۈرۈچنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلارغا ئاپىرىپ بېرەتتى. ئۇ چاغدا بادەن بىلەن ئايالى كەزىپەنىڭ ئۈچ ئوغلى بار بولسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىم ئوماق، شوخ شۈ خەيلياڭنى كۆرگىنىدە، ئۇنى بالا قىلىۋالغۇسى كېلەتتى. ئىككى ئائىلە كىشىلىرى شۇ سەۋەبلىك يەنە بىر مەيدان ئالاھىدە بولغان قازاق مىللىتىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان بولۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شۇنىڭدىن باشلاپ شۈ خەيلىياڭنىڭ قازاقچە «مۇسا» دەپ ئىسمى بار بولدى. بىر يىلى كۈزدە، شۈ خەيلىياڭغا يەل تاشما چىقتى، بادەن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، تاغدا مەخسۇس يەل تاشمىنى داۋالايدىغان ئۆسۈملۈك دورا بارلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاتلىق تاغقا چىقىپ تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەپ، ئاخىرى كېسەلگە داۋا ئۆسۈملۈكنى ئېلىپ كەلدى.

  40 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە، شۈ خەيلىياڭنىڭ دادىسى شۈ ۋەنشىڭ ۋە تۇتۇق دادىسى بادەن ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى، ئەمما ئىككى ئائىلىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. شۈ خەيلىياڭ ۋاقتى بولسىلا ئۆيىدىكىلىرىنى ئېلىپ كەزىپە بىر ئائىلىلىكنى يوقلايدۇ. 2011-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ئۇدا سەككىز يىل بۇ ئۆيگە قىشلىق كۆمۈر ئېلىپ بەردى.

  بۈگۈنگە كەلگەندە، بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ ئۆي-ئوچاقلىق بولدى. ئادەتتە خىزمەت ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما ئىككى ئائىلىلىك ئىزچىل ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ھەر يىلى ھېيت-بايراملاردا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يېدى. «كەزىپە مېنىڭ ھەدەم، بىز ھەدە-سىڭىل ئىككىمىز دائىم مۇڭدىشىمىز، بىز ئىككى ئائىلىنىڭ بۇ مۇھەببىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى شۈ خەيلىياڭنىڭ ئاپىسى جاڭ شيۇشياڭ.

  شۈ خەيلىياڭنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى، بۇ بىر قانچە يىلدىكى ھەر قېتىملىق چاغاندا، كەزىپەنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان كىچىك ئوغلىنى قويدىن بىرنى ئېلىپ شۈ خەيلىياڭنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ كېلىشكە بۇيرۇشى ئىدى. «بىز قازاق مىللىتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك قائىدە-يوسۇنى بىلەن ئارىمىزدىكى قېرىنداشلىق مېھرىنى داۋام ئېتىمىز» دېدى 72 ياشقا كىرگەن كەزىپە.

  «مېنىڭ بۇ ئوغلۇم، ماڭا دائىم تېلېفون ئۇرۇپ ھال-ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرىدۇ، ھەرقېتىم كەلگىنىدە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆيدە نېمە كەم بولسا، ۋاقتىدا شۇنى ئېلىپ كېلىپ، قەلبىمنى ئىللىقلىققا تولدۇرىدۇ.» 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شۈ خەيلىياڭ كەزىپەنى يوقلاپ كەلگىنىدە، موماي ئوغلىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە، توختىماي سۆزلىمەكتە ئىدى.

 ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى