تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەندۈرۈش» تىن «دۇنيادىكى ئالتاي»نى يارىتىش

  بىر شەھەر، پەقەت بىر شەھەرلا ئەمەس، ئۇ يەنە بىر مەنزىرە رايونى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق شەھەر، ئاڭلىماققا كىشىنىڭ تولىمۇ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ھالبۇكى، ئالتايدا بۇنداق كىچىك شەھەر پەقەت بىرلا ئەمەس.

  ئالتاي شەھىرىدىكى ۋۇبەيلى قەھۋەخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ياڭ ۋېنشىڭ، تۆت يىل ئىلگىرى لەنجوۋدىن ئالتايغا كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ بارغانسېرى بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. ياڭ ۋېنشىڭ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى سەھەردە شەھەرنى كېسىپ ئۆتكەن دەريا مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايمەن، ھەر كۈنى كەچتە دەريا قېشىدىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلالايمەن، ھېسسىيات مەنزىرە تەسۋىرىگە قارىتىلىدىغان بۇنداق ئاستا تۇرمۇش ھالىتىنى نۇرغۇن شەھەرلەر بېرەلمەيدۇ.

  2018—2019-يىلى قىشتا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر) لەر «مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەندۈرۈش» قۇرۇلمىسى ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە ساياھەت بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە كىچىك شەھەرلەرنى كۆرسەتتى.

    ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې پىڭ مۇنداق دېدى: ئالتايدىكى ھەربىر ناھىيە (شەھەر)نىڭ «مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەندۈرۈش»نى بەرپا قىلىشتا ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇبى بار. ئالتاي شەھىرىدە، ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ «قار گۈزەللىكى»نى ھېس قىلالايدۇ: قار-مۇز دۇنياسى ئىچىدە نەچچە مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان قار ئويما ئەسەرلىرى بار، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا يېقىندىلا تېخى بىر مەيدان «ئالتاي رىۋايىتى» كۆرسىتىلدى، بۇ ئېلىمىزدىكى تۇنجى قار-مۇز باش تېما قىلىپ بەرپا قىلىنغان نۇر كۆرگەزمىسى تۈرىدۇر. بۇرچىن ناھىيەسىدە، ساياھەتچىلەر «گۈزەل مەنزىرە بىلەن مەززىلىك تائامنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشى» نى ھېس قىلالايدۇ: بۇ يەردە دەريا قېشى كەچلىك بازىرىدىن تارقىلىپ كەلگەن بېلىق كاۋىپىنىڭ ھىدى بار، رەڭگى يارقىن ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر بار، ئۆتكەن تارىخقا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان كونا پىرىستان بار. كۆكتوقاي ناھىيەسىدە، ناھىيە بازىرى ئەتراپىغا جايلاشقان دەريا بويى مەنزىرە رايونى يېقىندىلا دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ بېكىتىلدى. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ساياھەتچىلەر كۆكتوقايغا كىرگەن شۇ دەقىقىدە، ئەمەلىيەتتە 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا قەدەم قويغان بولىدۇ.

  «مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەندۈرۈش» نىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، مەنزىرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت تەرەققىيات ئەندىزىسى بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە «ساياھەتچىلىكنى ئاساسلىق كەسىپ قىلىش، بىر كەسىپنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئىككى كەسىپكە تىرەك بولۇش» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇپ بولدى، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى ئاساسىي لىنىيە، قاناسنى باشلامچى، قار-مۇز ساياھىتىنى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا، «دۇنيادىكى ئالتاي» ماركىسىنى ياراتماقچى.

  بۇ ئەندىزىنىڭ تۈرتكىسىدە، ساياھەت بازىرىنىڭ ئىنتىلىدىغىنى پەقەت ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىشىلا بولمايدۇ، يەنە ساياھەت سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى، «مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەندۈرۈش» مۇ دەل ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى