تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

پۇرچاق سۈتى ۋە سۈتتە دۈملەنگەن گاڭپەن تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك بولىدۇ

(ماتېرىيال سۈرەت)

  گاڭپەن مەملىكىتىمىزدىكى دائىم ئېتىلىدىغان ئاساسىي تاماقلارنىڭ بىرى، ئادەتتە گۈرۈچنى دۈملەش ياكى سۇدا قاينىتىش ئارقىلىق پىشۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈت ياكى پۇرچاق سۈتىدە گاڭپەن دۈملىگەندە، تەملىك بولۇپلا قالماي، گاڭپەننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

  پۇرچاق سۈتىدە پىشۇرغان گاڭپەن مەززىلىك بولىدۇ. پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە مول ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بار بولۇپ، گاڭپەندە كەم بولغان لىسىن كىسلاتاسىنى تولۇقلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گاڭپەن تەركىبىدە تەخمىنەن %8~%7 ئاقسىل بار بولۇپ، تەركىبىدىكى مېتىئونىن پۇرچاق سۈتىدە كەمچىل بولغان مېتىئونىننى تولۇقلايدۇ. پاكىز يۇيۇلغان گۈرۈچكە پۇرچاق سۈتى قۇيۇپ ئىلەشتۈرىمىز، بۇنىڭدا گۈرۈچنىڭ كاللەك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دىققەت قىلىش كېرەككى، گاڭپەن پىشۇرغاندا ئىشلەتكەن پۇرچاق سۈتى مىقدارى ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ مىقدارىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك. 200 گىرام گۈرۈچنى ئەگەر سۇدا پىشۇرغاندا 260 مىللىگىرام سۇ قۇيساقلا بولىدۇ؛ ئەگەر پۇرچاق سۈتى بىلەن پىشۇرماقچى بولساق 300 مىللىگىرام سۇ قۇيۇش كېرەك. گاڭپەن پىشۇرۇشقا كېرەكلىك پۇرچاق سۈتى چوقۇم نىسبەتەن سۇيۇق بولۇشى كېرەك. ئەگەر پۇرچاق سۈتىنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، سۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇشقا بولىدۇ، بولمىسا پىشىپ چىققان گاڭپەن قاتتىق بولۇپ قالىدۇ.

  سۈت تەركىبىدە كالىتسىي ۋە ئاممۇنىي كىسلاتا مول، سۈت بىلەن پىشۇرۇلغان گاڭپەننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن ساپ سۈت بىلەن گاڭپەن پىشۇرۇش قويۇق پۇرچاق سۈتى بىلەن گاڭپەن پىشۇرۇشقا ئوخشاش بولۇپ، پىشقاندىن كېيىن گۈرۈچ قاتتىق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. شۇڭا سۈتكە سۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇپ ياكى سۈت پاراشوكىغا سۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن پىشۇرغاندا، گاڭپەننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

  گاڭپەن پىشۇرۇشتىن باشقا، نۇرغۇن ئۇن تائاملىرىنى تەييارلىغاندا ھەمدە سەي قورۇغاندا سۇنىڭ ئورنىغا سۈت ياكى پۇرچاق سۈتىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، مەسىلەن، موما، تۇخۇم ئۇيۇتمىسى ياكى شورپا ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلار.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى