تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

      «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» يېقىندا بېسىپ تارقىتىلدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. «پىكىر» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىدىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىدىكى تۈپ تەلەپ. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدە، پارتىيەمىز سىياسىي قۇرۇلۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ تۇتۇپ، روشەن سىياسىي يېتەكچىلىكنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئېغىر سىياسىي يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، پارتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاق مەزگىللىك، ئۆتكۈر، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللار مۇرەككەپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنغىنى يوق، بۇ مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىش كېرەك. «ئىككىنى قوغداش» پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىسى، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ۋە تىكلەنگەنلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلغانلىقىدا. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلار ھەرقانداق چاغدىكىدىن كۆپ، پارتىيەمىز يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتماقچى بولىدىكەن، جەزمەن پۈتۈن پارتىيەدە يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ئۇرغۇتۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈشتە «ئىككىنى قوغداش»نىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەقىقىي ھالدا سىياسىيدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيەدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىياتتا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي سەگەكلىك ۋە سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، رەھبەرلىك تۈزۈمى مېخانىزمىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە «ئىككىنى قوغداش»قا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا «ئىككىنى قوغداش»نى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈرلۈك «تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل» «يۇقىرى دەرىجىلىك قارا» ھادىسىلىرىنى توسۇش ۋە تۈزىتىش كونكرېت ئەمەلىيىتىدە «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، باشتىن- ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن سىستېمىلىق پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۇتقا تۇتۇلسا، ھەممە ئىشلار يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ياخشى تۇتۇلسا، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي مەيدان، سىياسىي ئومۇملۇق چىڭ تۇتۇلسا، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا بەلگە تىكلىنىدۇ، روھ يارىتىلىدۇ؛ ئەگەر سىياسىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ «روھ» بولمىسا، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرى ئاسانلا نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ، ئۈنۈم ياخشى بولمايدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى تەرەپ - تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، نۇرغۇن مۇھىم ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىستېمىلىق تەپەككۇرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، باش ئاغرىسا باشنى، پۇت ئاغرىسا پۇتنى داۋالاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پارچىلىنىپ كېتىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سىياسىي ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەم ۋە سىياسىي تەلەپنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىقلاردا، باشتىن- ئاخىر سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تۈپ تەلىپىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي نىشاندىن قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇندىلا پارتىيەمىز باشتىن- ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدۇ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىدۇ.

  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور، مۈشكۈل سىياسىي ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.


  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى