تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كورلىدىن شېنجېن، چاڭشا، شىجياجۇاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ ۋېنخۇا): 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق بوشلۇق ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىككىلەمچى تۈگۈنلۈك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 2019-يىلى كورلىدىن شېنجېن، چاڭشا، شىجياجۇاڭ، نەنچاڭ قاتارلىق جايلارغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئايروپىلان لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلاندى.

   بۇلتۇردىن باشلاپ، بايىنغولىن ئوبلاستى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات لايىھەسىنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2019-يىلى يېڭىدىن ئېچىشقا توغرا كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى نۇقتىلىق پىلانلاپ، ھەر قايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، ئايرودۇرۇملار بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ قوزغىتىش كۈچى ئارقىلىق ئىچكىرى جايلارغا بىۋاستە ئۇچىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئاچتى، ھازىر بار بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ تور ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىفىرلاشتۇرۇپ، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى بازىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كورلا ئايرودرومىنىڭ يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى يىغىش-تارقىتىش ئېففېكتىنى تېزدىن بارلىققا كەلتۈردى.

  ھازىرغا قەدەر، كورلا ئايرودۇرۇمى يېڭىدىن ئاچقان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 16گە، ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى جەمئىي 26گە يېتىپ، «كورلا ئايرودۇرۇمى رايونىنى مەركەز قىلغان، شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان، شىنجاڭنىڭ ئىچى–سىرتىنى راۋانلاشتۇرىدىغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

  ئەسلى ماقالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى