تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن

لوپ ناھىيەسى بەشتوغراق يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئايجامال داۋۇت

  مەن پارتىيەنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ ئۆسۈپ يېتىلگەن، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى. پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە، مەن شەرەپلىك ۋە مۈشكۈل بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، قەلبىم پارتىيەگە بولغان قويۇق مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، داۋالاش سەۋىيەسى مۇقىم ئېشىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئەتراپىمدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىدىن كەلگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولغا قويغان تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن كەلگەن، ھەر مىللەت ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشىدىن كەلگەن. بىز چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، نومۇسسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر زوراۋان-تېررورچىلاردىنمۇ بەك ھىيلىگەر، بەك زەھەرخەندە، خەۋپى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئېغىر، بالايىئاپىتى تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز جەزمەن كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئەپت-بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈپ، ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەي، رەھىم قىلماي، قەتئىي ھالدا ئۇلارنى تارتىپ چىقىشىمىز، پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلمىساق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ؛ مۇشۇنداق قىلمىساق، شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ.

  بۇ يەردە، مەن كەسكىنلىك بىلەن ۋەدە بېرىمەنكى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غايە-ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى