تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار ئورۇقلىغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

   نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇقلاشقا باشلىغان مەزگىلدە، ئىختىيارسىز ھالدا تاماق مىقدارىنى كېمەيتىشكە باشلايدۇ، لېكىن ئىلمىي ئورۇقلاش ئۇسۇلى بويىچە ئېيتقاندا، تاماق مىقدارىنى كېمەيتىش خاراكتېرلىك ئورۇقلاش بىزنى ئويلىغىنىمىزدەك ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكۈزەلمەيدۇ. ئورۇقلاش مەزگىلىدە، بىز ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولغان ئەھۋالدا يېمەكلىكنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. شۇڭا، ئورۇقلاشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ئورۇقلاش تاماق تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك. ئورۇقلاش تاماق تىزىملىكىدىن سىرت، ئورۇقلاش مەزگىلىدە يەنە قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

  قان شېكىرى كۆرسەتكۈچى

  قان شېكىرى كۆرسەتكۈچى يېمەكلىك قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن قان شېكىرى قويۇقلۇقىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە قەنت تەركىبى بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ قان شېكىرى كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. قان شېكىرى تۆۋەنرەك بولغان بىر قىسىم  يېمەكلىكلەر بىزنىڭ تويۇش سېزىمىمىزنى ئاشۇرۇشتىن سىرت، يەنە ئىشتىھانىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ، ئەكىسچە، قان شېكىرى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى تېز بولۇپ، غىزالىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي قورساق ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شۇڭا، يېمەكلىكلەرنىڭ قان شېكىرى كۆرسەتكۈچىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، ئامال بار قان شېكىرى كۆرسەتكۈچى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى يەڭ، بۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىپ، ئورۇقلاشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

  غىزالىنىش سۈرئىتى ۋە تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىش

  كۈندىلىك تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىپ، يەتتە ئۈلۈش تويۇنغاندا بەدىنىمىز بۇ خىل ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە كۆنۈپ، تاماق مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، غىزالىنىش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتسە ئاشقازان تويۇنغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭە قورساق تويۇش سىگنالىنى ۋاقتىدا يەتكۈزەلمەي، زىيادە كۆپ يېمەكلىك ۋە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى