تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن

تولى ناھىيەسى ئۆرشۆلىت يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى تالغات جۇماباي

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى خۇددى باھار يامغۇرىدەك يۇرتۇمنىڭ تۇپرىقىنى سۇغاردى. رەت-رەت ئەمىن ئۆيلەر قەد كۆتۈردى؛ بالىلار ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن بولدى؛ نامرات كىشىلەر توپى داۋالىنىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى؛ ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتى، ئېلېكتىر چىراغ، تېلېفون چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىگىچە تۇتاشتى؛ دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاممىغا ھەقىقىي بەخت- سائادەت ئېلىپ كەلدى. مەن ئىشىنىمەنكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىزنىڭ كۈنلىرىمىز چوقۇم كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولىدۇ.

  مەن يېزىدىن چىققان بىر پارتىيەلىك كادىر، ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ئەمما دادام مېنىڭ مەكتەپتە ئوقۇپ تاغدىن چىقىپ كېتىشىمدە چىڭ تۇرغانىدى. پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشىدە، مەن ئوقۇشنى تاماملاپ يەنە يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتتىم، مەن ھاياتىمنى يۇرتۇمغا بېغىشلاشنى قارار قىلدىم. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى خىزمىتىمگە سىڭدۈرىمەن، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، باشتىن-ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە زەربىدار، بايراقدار بولۇپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئۈلگىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

  ئاساسىي قاتلامدىكى بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىمەن، شۇنداقلا دائىم ئۆزۈمنى ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئاگاھلاندۇرىمەن. بىز ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ «مىللەت» «دىن»نى دەستەك قىلىپ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىشىغا، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى، ئېڭىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك. مەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى بايرىقىم روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى