تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي يوقىتىمەن

خوتەن ۋىلايەتلىك يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئوسمان مەتتوختى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سىڭدۈرمىچىلىك قىلىپ، ھەتتا «قارا قول»ىنى مەكتەپلەرگىچە سۇنۇپ، ئامالنىڭ بارىچە ياش-ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ، چىرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.

  كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان، پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىم باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ قۇياش نۇرى ۋە ئىللىقلىقىغا چۆمۈلگەن. مەن يېڭى دەۋر يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان پارتىيەلىك كادىر بولىمەن. مەن قەتئىي شۇنداق قىلىمەنكى:

  سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن. باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، غايە-ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كاللامنى ئالاھىدە سەگەك، پوزىتسىيەمنى ئالاھىدە روشەن، ھەرىكىتىمنى ئالاھىدە قەتئىي قىلىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ھەرگىز مۈجمەل بولمايمەن، ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرىمەن، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، بىزنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىز ۋە تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەتئىي قوغدايمەن.

  ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمنى ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننى ئورتاق قوغدىدى، شىنجاڭنى ئورتاق گۈللەندۈردى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ۋەتەننى قوغداش ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ مەسئۇلىيىتى. مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى نەمۇنە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئاممىغا يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشقا يېتەكلەيمەن.

  سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىمەن. مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى يېڭىپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جاي، ھەر ئىشتا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە، تەپسىلىي، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن قەلبىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى