تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى جاۋابىنى يازايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، «كەلگۈسى شەھەر» شيۇڭئەن قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، «رېلىستىكى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي» تېز سۈرئەتتە شەكىللەنمەكتە، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يۆتكەش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا... بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا بەش يىل بولغان پەيتتە، كۆلىمى 216 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، 100 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىگە ئىگە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېيدىن ئىبارەت بىپايان تۇپراقتا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى، يېڭى قىياپەت نامايان بولدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى كۆزلەپ، يۈكسەك سىياسىي ئەقىل-پاراسەت، زور، ھەيۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەت، كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئون قېتىم ئالاقىدار يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تارماقلار ۋە جايلار قول تۇتۇشۇپ كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پىكىر يولىنى پىلانلاپ، ئاساس سېلىپ، بۆسۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى قەدەممۇقەدەم ئۇلۇغۋار پىلاندىن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  نۆۋەتتە، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش، داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، تېخىمۇ ئېغىر، مۈشكۈل ۋەزىپە تېخى ئارقىدا بولۇپ، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ياخشى، پۇختا قىلىش − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.

  بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتا، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بېيجىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارقاقلاشتۇرۇش مىقدارنى ئازايتىش ھېسابلىنىدۇ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارقاقلاشتۇرۇش ئەلالاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتا، شەكىل، ئۇسۇلغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېشىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن ساقلانما مىقدارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بېيجىڭنىڭ «چوڭ شەھەر كېسىلى»نى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «بىر تاختا شاھمات»نى ئورتاق ياخشى ئويناپ، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتا، تىرىشىپ «بىر مو ئۈچ پۇڭ يەر» تەپەككۇر شەكلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. كارخانىلارنى تىزىملاشنى باشقا جايدا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقا جايدا ئاتچوت قىلىش قاتارلىقلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ زور دائىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك؛ سېلىنمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامىللارنىڭ تولۇق، ئەركىن يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن رايون چوڭ بازىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر ساھەنىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش، بايلىقلارنى تەقسىملەش، فۇنكسىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى توسۇق ۋە توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈزۈلمە- مېخانىزم ئورناتقاندىلا، «بىر خەرىتىنى ئورتاق سىزىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئاڭلىقلىققا ۋە تەشەببۇسكار تاللاشقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ئۈچ جايدىكى خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش ــــ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدە كەمتۈكلۈكلەرنى داۋاملىق كۈچەپ تولۇقلاشقا، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەش، ھۆكۈمەت يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، بازار مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بېيجىڭ، تيەنجىننىڭ خېبېيغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ئۈچ جاي ئارىسىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئۈچ جايدىكى پۇقرالارنىڭ «قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي بىر تال گۈلنىڭ بەرگىلىرىگە ئوخشايدۇ، بەرگىلەر بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بىر-بىرىگە تۇتاش.» بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئۈزلۈكسىز ھالدا دەۋر ۋە خەلققە تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى