تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

شىنجاڭنىڭ تىل-يېزىق تەرجىمە بازىسىنى ياخشى ساقلايمەن

شىنجاڭ رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئەنۋەر مامۇت

  ئالدىنقى يىللاردا، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشى ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭنىڭ تىل-يېزىق تەرجىمە ساھەسىدە «جۇڭگوچىسىزلاشتۇرۇش» قاتارلىق خاتا خاھىشلار كۆرۈلدى. بىر پارتىيەلىك كادىر، تىل-يېزىق تەرجىمە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇرمىلىشىغا، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئالداپ قايمۇقتۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

  تارىخقا نەزەر سالساق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچقان، ئۇزاق جۇڭگو تارىخىنى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى باشتىن-ئاخىر شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭگەن. لېكىن بەزى كىشىلەر «ئىككى يۈزلىمىچى»لىك قىلىپ، تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتى، بۇنىڭغا قارىتا، مەن قەتئىي قارشى تۇرىمەن. بىز باشتىن-ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك. ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، تەرجىمانلار قوشۇنىدىكى ئۇقۇمنى يوشۇرۇنچە ئالماشتۇرۇۋېتىش، لوگىكىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، سۆزنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش، سۆز مەنىسىنى كۆپەيتىش-قىسقارتىش قاتارلىق «يېزىق ئويۇنى» ئارقىلىق پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى بۇرمىلايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغان، مەقسەتلىك خاتا ئىدىيەگە باشلايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن بېشارەت بېرىدىغان ئاشۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈشىمىز ۋە تازىلىشىمىز كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە خىزمىتىدە سىياسىي روشەن بولۇش، يۆنىلىش توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، ئەسلىي فىلىمگە سادىق بولۇش، تەرجىمە دەل توغرا بولۇش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتتىق بولۇشتەك تەرجىمە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ھەرگىز پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك.

  بىز جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەككى: شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. تەرجىمە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جەزمەن ماركسىزملىق «بەش قاراش»تا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى توغرا تونۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنىڭ توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئاساسىنى توغرىلاپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشىمىز، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. تىل-يېزىق تەرجىمە بازىسىنى ياخشى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ كەڭ كادىرلار، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان تەرجىمە ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى