تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇساجان نۇردۇن: كەنتنىڭ ياخشى «سەركە»سى بولىمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نىسىپبېك

  «ئامبروزىيە ئوتى بىلەن ئۈچ يېرىقچە يوپۇرماقلىق ئامبروزىيە ئوتى دۆلىتىمىز ئېلان قىلغان زىيىنى ئېغىر سىرتتىن كىرگەن تۈر بولۇپ، غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم جايلاردا بايقالدى. چارۋىچىلىق كەسپى بىزنىڭ كەنتتىكى يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ بىرى، سىرتتىن كىرگەن بۇ ئىككى خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئاممىنىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى. بۇ قېتىم مەن بۇ مەسىلىنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بارىمەن.» 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەندە، كەنت كومىتېتىغا بارىدىغان يولدا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى تۆۋەنكىئون كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇساجان نۇردۇن كېتىۋېتىپ مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  ئائىلە زىيارىتى قىلىپ پىكىر ئېلىش، كەنت ئىلتىماس قىلغان كۆكەرتىش تۈرىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىك قىيىنچىلىقلىرىنى، تەلەپلىرىنى ھەل قىلىش... 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى تۆۋەنكىئون كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، مۇساجان كاللىسىدا تۆۋەنكىئون كەنتىنىڭ ئىشلىرىنى توختىماي ئويلايدىغان بولدى.

  «مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شۇنداقلا كەنت تەرەققىياتىنىڭ <سەركە>سى، كۆڭلۈمگە ھەر ۋاقىت ئاممىنى پۈكۈشۈم، تۆۋەنكىئون كەنتىنى پۈكۈشۈم كېرەك!» دېدى مۇساجان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلگىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا «قەرز» بولۇپ قالغان تۆۋەنكىئون كەنتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كەنتتىكى يېڭىدىن ياسالغان 22 كىلومېتىر ئاسفالت يول ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى؛ يېڭىدىن سېلىنغان 900 كىۋادرات مېتىرلىق باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپلىرى ۋە 1200 كىۋادرات مېتىرلىق يەسلى كەنتتىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، يەسلىگە كىرەلەيدىغان قىلدى. «مائارىپ ئارقىلىق كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» ئىدىيەسىمۇ كەنتتە تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، كەنتنىڭ ئوقۇتقۇچى بايلىقى كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2018-يىلى، بۇ كەنتتىن 30 نەچچە داشۆ ئوقۇغۇچىسى چىقتى.

  «مائارىپ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغ پىلان، شۇنداقلا تۆۋەنكىئون كەنتىنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۈمىدى، چوقۇم يېزا-كەنتلەرنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا ئىزچىل تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېدى مۇساجان.

  تۆۋەنكىئون كەنتى ئاھالىسىنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدى، بۇ ھەم ھەميېنىنى تومپايتىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىدا ئىپادىلەندى.

  مۇساجاننىڭ يېتەكلىشىدە، كەنتتە باقمىچىلىق زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. كەنتنىڭ ئورگانىك يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى غۇلجا شەھىرى قاتارلىق يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە سېتىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى. 2018-يىلى، پۈتۈن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ 724 يۈەنگە يېتىپ، %80 كەنت ئاھالىسى باياشات تۇرمۇش كەچۈردى.

  2018-يىلى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، مۇساجان تېخىمۇ قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىپ، ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئادا قىلىپ كەلدى.

  بۇلتۇر بىر يىلدا، كەنتتە يېڭىدىن تۆت كىلومېتىر تاش ئۆستەڭ ياسالدى، 40 يول چىرىغى ئورنىتىلدى، 12 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ئۇل ئەسلىھە بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ھەمدەم بولىدىغان ئىشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى توختاپ قالمىدى، كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىدە كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  «كەنت قىياپىتى ئۆزگىرىپ، تېخىمۇ گۈزەللەشتى، كەنتنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىمۇ ئۆسۈپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ يۇرت- ماكانىنى قۇرۇش گۈزەل ئارزۇسىنى تېخىمۇ قوزغاتتى» دېدى مۇساجان. بۇلتۇر، كەنت ئاھالىسى ئابباس مۇسەللىم كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئۇ 50مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى، ئۇ مۇساجانغا يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوي-پىكرىنى ئېيتتى.

  «غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، تۆۋەنكىئون كەنتىنىڭ دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى − ئاق قۇ كۆلى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر ئەتراپىدا كەلگەچكە، يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، مەن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، 3-كەسىپكە يۈرۈش قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى مەنزىرە رايونىدىن پايدىلىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى مۇساجان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى