تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] بېيجىڭدىكى مېھىرىبان كىشىلەرگە شىنجاڭدىن كەلگەن «رەھمەت ئېيتىش سوۋغىسى»

  تىيانشان تورى خەۋىرى، فوتوسى (مۇخبىر جۇ كەيلى، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ زىياڭ): «يىراقتىكى ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان دوستلارغا رەھمەت، بۇلار، يۇرتداشلار ئۆزلىرى تېرىغان يەرلىك مەھسۇلاتلار، ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز، كۆپچىلىكنىڭ سالامەت، بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز، شىنجاڭغا مېھمان بولۇپ كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.» 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى جىڭ يۈمىڭ رەھمەت خېتى ۋە بالىلارنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنى لىققىدە ياڭاق، چىلان قاچىلانغان پوسۇلكىغا سالدى، چوڭقۇر كۆڭۈل بېيجىڭغا ئەۋەتىلدى.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بېيجىڭ شەھەرلىك مېھىرىبانلىق خەير-ساخاۋەت فوندى بىلەن بىرلىكتە «قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق قەھرىتان سوغۇقنى ئىللىتىش» مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىئانە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىن مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئاكتىپ ھالدا ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشتى. نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى بېيجىڭلىق مېھىرىبان كىشىلەر ئىئانە قىلغان كىيىم - كېچەكلەر قەھرىتان سوغۇقتا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قالجاق قاتارلىق كەنتلىرىدىكى بالىلارنى ئىللىقلىققا ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىن قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى سىيىتلە يېزىسى قالجاق كەنتىگە مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى جىڭ يۈمىڭنىڭ قايتۇرۇپ سوۋغات ئەۋەتىش كۆرۈنۈشى بارلىققا كەلدى.

  بۇ ئىككى كۈندە، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى سىيىتلە يېزىسى قالجاق كەنتىدىكى بالىلار ئارقا-ئارقىدىن 500 نەچچە كىلوگىرامدىن ئارتۇق مالنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە پوپايكا، مامۇق كىيىم، ئاياغ، بوغچىلار بار بولۇپ، ھەتتا بەزى مېھىرىبان كىشىلەر «ياماخا» ماركىلىق يېپيېڭى ياڭراتقۇ ۋە بىر يۈرۈش بالىلار ناخشىسى نۇر دىسكىسى ئەۋەتكەن ئىدى.

  «رەھمەت مۇئەللىم، يېڭى كىيىم بەك چىرايلىق ئىكەن، كىيىپ ئازراقمۇ توڭلىمىدىم.» يېڭىسار ناھىيەسى سىيىتلە يېزىسى قالجاق كەنتى يەسلىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مىھرىگۈل ئەخەت مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ياڭ فەننىڭ قولىنى تۇتۇپ شۇنداق دېدى.

جىڭ يۈمىڭ مۇئەللىم سەمى ئەمەتنىڭ كىيىمىنى ئالماشتۇردى

  ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشى ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ، ھەرىكىتى دۇرۇس كىشى باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدۇ. «بالىلارغا مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىن قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى سىيىتلە يېزىسىغا مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن كادىر لى لى مۇنداق تەكلىپ بەردى: قائىدە - يوسۇن جەھەتتە بېرىش - كېلىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار ئۆزىمىز مەبلەغ چىقىرىپ، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇق مېۋە خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئىئانە قىلغان تەرەپكە ئەۋەتىپ، رەھمىتىمىزنى بىلدۈرەيلى.

  لى لىنىڭ تەشەببۇسى خىزمەتداشلىرىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. جاڭ يەنمىڭ قاتارلىق مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ھەپتە ئاخىرىدىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، بازارغا بېرىپ خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالدى. «جاڭ مۇئەللىم، بۇنچە كۆپ ياڭاق سېتىۋېلىپ نېمە قىلىسىز؟» دەپ سورىدى بازاردا يايما يېيىۋاتقان يۇرتداش ئەخەت تىللا، «بېيجىڭلىق مېھىرىبان كىشىلەر ئىئانە قىلغان مامۇق كىيىملەر بالىلارنى بەك خۇشال قىلدى، بىز جاۋابەن سوۋغات ئەۋەتىپ، رەھمەت ئېيتىمىز.» دېدى جاڭ يەنمىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  «بۇ چىلانلارنى سىلەرگە بېرەي، بىللە ئەۋەتەيلى، مېنىڭ كۆڭلۈم.» دېدى ئەخەت تىللا.

  قايتۇرۇپ سوۋغات ئەۋەتىش كەنتتە «قانات» چىقارغاندەك ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقالدى، ئاددىي-ساددا يۇرتداشلار ئۆزلىرى تېرىغان مېۋىلەرنىڭ قاقلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى.

مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى جاڭ زىياڭ مىھرىبانگۈل ئەخەتكە كىيىم كىيگۈزۈپ سىنىماقتا.

  سىنىپتا، بالىلار رەڭلىك قەلەملەر بىلەن ئارزۇسىدىكى دۇنيانى سىزىۋاتاتتى. «مۇئەللىم، بۇ رەسىم ياخشى چىقىپتىمۇ؟ بۇنى تاغا - ھاممىلىرىمىزغا ئەۋەتىپ بېرەيلى.» 5 ياشلىق بۇئاتىكەم ۋەلى بەرگەن رەسىمدە، لەپىلدەپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا، چىرايلىق كىيىنگەن بىر كىچىك دوست گۈللۈكتە بىر يۈرەكنى تۇتۇپ تۇراتتى. «مەنمۇ بار، مەنمۇ بار» مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ليۇ شىڭچۈەننى بىردەمدىلا كىچىك دوستلار ئورىۋېلىشتى.

  «مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇ - ئوقۇتۇش جەريانىدا، بالىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاق - پەزىلەت تەربىيىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، گەپ - سۆزلىرى ئارقىلىق بالىلارغا تەسىر كۆرسەتتى.» دېدى لى لى ئۇدۇللا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، بالىلارنىڭ ئىئانە قىلغان تەرەپكە قايتۇرۇپ ئەۋەتكەن سوۋغاتلىرى ئاددىيراق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭقۇر كۆڭۈل سىڭدى، جۇڭگولۇقلار قائىدە - يوسۇن جەھەتتە بېرىش-كېلىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز تۇرمۇشتىكى ئۇششاق، ئىنچىكە ئىشلاردا بالىلارنىڭ تەڭ بەھىرىمان بولۇش، مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مائارىپقا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بالىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى