تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى زىممەمگە ئالىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ئابدۇرېشىت مەمەت

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ تارىخىنى ھەدەپ ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، بۇرمىلاپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

    شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ رايونىدا ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، ھەممىسى شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

    شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، بەزى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئاستىرتىن قۇتراتقۇلۇق قىلدى، ئۇلارنىڭ خەۋپى ناھايىتى چوڭ بولدى، شۇنداقلا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ زوراۋان- تېررورچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ ياۋۇز، خەۋپىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاق بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر قاتلامدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ناۋادا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر سىياسىي- قانۇن قوشۇنىدا پەيدا بولسا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ھەرىكەت كۈچى، جەڭگىۋارلىق كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ؛ ناۋادا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر دىنىي زاتلار ئارىسىدا پەيدا بولسا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تارقىلىپ، يامراپ، ئامما ئالدىنىدۇ؛ ناۋادا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئارىسىدا پەيدا بولسا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولمايدۇ؛ ناۋادا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مائارىپ سىستېمىسىدا پەيدا بولسا، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ خەۋپى نەچچە ئەۋلاد كىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ھازىر، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرى تىزگىنلەندى، بەزى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرمۇ ئاشكارىلاندى، لېكىن، بىز ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز يوقاتمىغىچە ھەرگىز بولدى قىلماسلىقىمىز كېرەك.

    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ئاتلىنىمەن. باشتىن- ئاخىر سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى زىممەمگە ئېلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىمەن.

    مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە پائال رول ئويناپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭ تارىخىنى ئېنىق سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىشەنچىم ۋە ئىرادەمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى