تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىز بار، مەن بار، كۆپچىلىك بار

خوتەن ناھىيەسى باغچى بازارلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ئاينۇر ئابدۇرېھىم

  مەن خوتەندە تۇغۇلدۇم، خوتەندە چوڭ بولدۇم، قوشنىلىرىمىز خەنزۇ ئىدى، كىچىكىمدىن خەنزۇ كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا، ھەر مىللەت قوشنىلار ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، خۇشال- خۇرام ئۆتەتتى. ھەر قېتىمقى چاغاندا، مەن چىرايلىق كىيىملىرىمنى كىيىپ، ئاتا- ئانام بىلەن بىللە قوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە چاغاننى مۇبارەكلەپ كىرەتتۇق. بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى بايرام ئۆتكۈزگەندە، قوشنىلارمۇ بىزنىڭ ئۆيىمىزگە كېلىپ بىللە تەبرىكلەيتتى. ھازىرغا قەدەر، ئارىمىزدىكى بېرىش- كېلىش ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. بۇ دەل بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئەڭ ياخشى ئىسپات ئەمەسمۇ؟

  مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئۆگىنىشنى باشلىغان، كىچىكىمدىن خەنزۇ كىچىك دوستلار بىلەن بىللە چوڭ بولغاچقا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشىم بىر قەدەر ئاسانغا توختىغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن پۇتۇڭخۇادا خەنزۇ دوستلىرىم بىلەن راۋان پاراڭلىشالايدىغان بولدۇم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىمدا، مەكتەپ تۈرلۈك ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرى، زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەيتتى، مېنىڭ ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە بىر مەيداندا ماھارەت كۆرسەتكەن، ئۆزئارا ھەمكارلاشقان كۆرۈنۈشلەر ھېلىھەم كاللامدا ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. مەن ھەم پۇتۇڭخۇادا كىلاسسىك شېئىرلارنى راۋان دېكلاماتسىيە قىلالايتتىم، ھەم ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتالايتتىم. بەزى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىدە، مەن ھەمىشە قوش تىل رىياسەتچىلىكىگە كۆرسىتىلەتتىم. «بىز ساۋاقداشلار ئۇ چاغدا ياش ئىدۇق، زېھنىمىز ياشناپ تۇراتتى يېتىلىپ، ياش تەلەپكارلارغا خاس روھ، ئىجتىھات جۇش ئۇراتتى تەنگە سىغماي ئېتىلىپ.» مېنىڭ ياشلىق چاغلىرىم كۈرەش قىلىش ۋە قايناق ھېسسىيات سەۋەبلىك گۈزەل ۋە قالتىس ئۆتكەنىدى.

  ھەربىر كىشى ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان سىنىپ كۆپ مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلاردىن تەركىب تاپقانىدى. مەكتەپتە بىز بىللە ئوقۇتقۇچىلاردىن بىلىم ئالاتتۇق، بىللە ئارزۇلىرىمىز ھەققىدە پاراڭلىشاتتۇق، بىر- بىرىمىزنىڭ شېئىرى ۋە كەلگۈسى ئارزۇلىرىمىزدىن بەھرىلىنەتتۇق. مۇشۇ مەزگىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، مەن يەنە يۇرتۇم خوتەنگە قايتىپ كېلىپ، خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرىنىڭ بىر يېزا-بازار كادىرى بولدۇم. مەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىم ئارقىلىق يۇرتداشلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىمنى قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا يېتەكلەپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتتىم. خىزمەتتە، مەن ھەرۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىمدە نامايان قىلدىم، گەرچە خىزمەت ۋەزىپىمىز ئېغىر، بېسىم چوڭ بولسىمۇ، لېكىن بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، سەمىمىي ھەمكارلاشساقلا، ھەممە مەسىلە تېز ۋە ئاسان ھەل بولىدۇ. مەن مۇشۇ مەزگىلدىكى كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىمنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىگە ئايلاندۇرىمەن.

  تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرىپى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىز بار، مەن بار، كۆپچىلىك بار. ياخشى نىيەت بىلەن بىر قاراپ قويۇش، قەلبنى ئىللىتىدىغان بىر جۈملە ئەھۋال سوراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق بىر ئىشنى قىلىش، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بىر دوست تۇتۇش، مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاز- ئازدىن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. پەقەت بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتسەك، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى مۇقەررەر ھالدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا دائىم پورەكلەپ ئېچىلىپ، خۇش پۇراق چاچىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى