تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش 4-باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گۈلى خالىق

  مەن 2014-يىلى، 2015-يىلى كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى مۇسۇما ئاچاپىلال كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتىم. كەنتتە تۇرغان مەزگىلدە، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىراق، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، «غازات»نى تەرغىب قىلىپ، بىر قاتار ئادىمىيلىكنى يوقاتقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىگە ئېغىر زىيان پەيدا قىلدى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشى قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق، بىزنىڭ يۇرت- ماكانىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزنى ۋەيران قىلغانلىق، پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!

  ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىر، ئوچۇق رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەتلەستىن تىكىلگەن كۆڭلەكنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، يېڭىلا كەنتتە تۇرغان ۋاقتىمدا، مەن ئاياللارنىڭ رەڭگى تۇتۇق، ئۇزۇنلۇقىدىن يەرنى سۈپۈرۈپ تۇرىدىغان كۆڭلەك كىيىدىغانلىقىنى، ياغلىقنى چىڭ چىگىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ يامان نىيەتلىك «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئاممىغا ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش، بىز بۇ مۇناپىقلارنىڭ رەزىل نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز! پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كەڭ ئاياللارغا پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، يۇرتنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش، ئائىلىسىنىڭ بەختىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

  ئاچا-سىڭىللار، بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، پارتىيە ۋە ۋەتەن بولمىسا، بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشى بولمايتتى. بىز پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنى مۇستەھكەم ئېتىقاد قىلىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىگە ۋە تۆۋەن چېكىگە ئاشكارا خىرىس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  ئانا ئائىلىنى، ئائىلە ئىستىلىنى ياراتقۇچى، بالىلارنىڭ ئەينىكى، ئانىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى، قىممەت قارىشى پەرزەنتلەرگە ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاچا- سىڭىللار، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىن باشلاپ، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ، ۋاقتىدا بالىلارنى مەكتەپكە ياخشى تەربىيە ئېلىشقا ئاپىرىپ بېرىپ، ھەرقانداق خاتا ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك. ئاكتىپلىق بىلەن ئەتراپىمىزدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان ھەرخىل سۆز- ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىشىمىز، تەنقىد قىلىشىمىز، ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاش قىلىشىمىز، تەنقىد قىلىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە، بۇزغۇنچىلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق-ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى