تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 12-نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 2-قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئاچتى

ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 12-نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ 2-قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، 2018-يىللىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، 2019-يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2018-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىك تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەنىمۇ كۈچەيدى، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك بولدى، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداشقا مۇلازىمەت قىلىشتا نەتىجە- ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى، شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ياردەم بېرىش- يۆلەش ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2019-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنى زور كۆلەمدە تۇتۇش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ھەقىقىي قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش، جانلاندۇرۇش كېرەك؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى