تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

«ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»نى ياخشى قىلىپ، ئۈلگىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۈيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش نىشانى بويىچە، 2018-يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، 2019-يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2018-يىلى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم، يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان بەرپا قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى «مەركىزىي خىزمەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قوشۇن بەرپا قىلىش»تەك يادرولۇق ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، دىققەتنى، كۈچنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، يىلتىز تارتىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش يۈكسەكلىكىدە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورگانلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەڭ تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق قىلىپ، ئورگانلارنىڭ سىياسىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياچېيكا خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئورگانلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش»نى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگىلەردىن بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى