تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە چارە-ئەقىل كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېجىرىشكە تاپشۇرغان دېموكراتىك نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى تاماملاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلانغان، ئەقىل-پاراسەت زىچ مەركەزلەشكەن، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاكتىپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سانلىق مەلۇماتلار بولغان، تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن، تەكلىپ بېرىلگەن، ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ چارە- ئەقىل كۆرسىتىلگەن بىر تۈركۈم دوكلات شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى ۋە مەخسۇس كومىتېتلار شۆبە پارتگۇرۇپپىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەزالار ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، سىياسىينى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان قوشۇن بەرپا قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى سىجىل تۈزەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادىي تەپتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى بىر تۈرلۈك كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىنى قوللاش، ئۇنىڭغا شارائىت يارىتىش كېرەك. ئىچكى كونترول تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مالىيە- ئىقتىساد تەرتىپىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قېلىپلىشىپ يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېن جېنشەن، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، پارتگۇرۇپپىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى