تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش نىزامى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشاننى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى بويىچە، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، نەتىجە- ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەردە، مۇھىم ئىشلاردا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن دەل ۋاقتىدا يوليورۇق سوراش ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش بىلەن ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تەلىپىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىي ھەرىكەتتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى