تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى «2018-يىللىق مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» «مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   ئۆتكەن بىر يىلدا، مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

   بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ماكرو سىياسەت، قۇرۇلمىلىق سىياسەت، ئىجتىمائىي سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى يولغا قويۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى، مۇقىم پۇل سىياسىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تىرىشىپ دەۋر ۋە خەلققە يۈزكېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2- ئاينىڭ 22-كۈنى يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنماقچى بولغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ نۇسخىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، «2018-يىللىق مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» ۋە «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسلار ئالدىدا، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ قوزغاپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ماكرو سىياسەت، قۇرۇلمىلىق سىياسەت، ئىجتىمائىي سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى يولغا قويۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى، مۇقىم پۇل سىياسىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ زورايتىپ، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، تىرىشىپ دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  يىغىن مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ 2019-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىدە پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن ۋەزىپە- مەسئۇلىيەت سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىنىپ، «ئىككىنى قوغداش» تۈپ ۋەزىپە قىلىنىپ، بايقالغان مەسىلىلەرگە ۋە تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى نەتىجە- ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ساقلانغان سىياسىي پەرقلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆزىتىشنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، تەشكىلات، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق نازارەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تولۇق قاپلاشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش كۈندىلىك نازارەتچىلىك مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تۈزىتىشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆزىتىش- تەكشۈرۈش ۋەزىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، يۇقىرى- تۆۋەن بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش ناھايىتى زۆرۈر. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، لېكىن يەنە بەزى ئورتاق مەسىلىلەر مەۋجۇت، مەخسۇس كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشان، ئۆلچەمدە تەۋرەنمەسلىك، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى تۇتۇش كېرەك. كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش نۆۋەتتە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنىدا تەكشۈرۈپ ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلارنى تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەت، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىرتۇتاش ئىرادە، بىرتۇتاش ھەرىكەت، ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەكىتلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ئېنىق يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، سىياسىيدا قەتئىي، جاسارەتلىك، ياراملىق كادىرلارنى مۇكاپاتلاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، سۆرەلمىلىك قىلىدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، قالايمىقان ئىش قىلىدىغان كادىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئويغىتىپ ۋە جازالاپ ئىبرەت بېرىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىي ئۆلچەمنى كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش شەكلى، ئۇسۇلى ۋە نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى تەكشۈرۈپ باھالاش، يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش، مەخسۇس تەكشۈرۈپ باھالاش، ۋەزىپە مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈپ باھالاشتىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىلدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى دائىملىقلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ قاراتمىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ باھالاشنى يولغا قويۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە قويۇپ ئىشلىتىش، يېتىشتۈرۈش-تەربىيەلەش، باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش، مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات (كادىرلار ئىشلىرى) تارماقلىرى «نىزام»نى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، تىرىشچان- ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، دۇرۇس، پاك بولغان يۇقىرى ساپالىق پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.