تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

[باش باھاردىكى ئالدىراشلىق] تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش

تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بۇمەريەم(ئوڭدىن بىرىنچى) ئىشچىلار تىككەن كىيىملەرنى تەكشۈرمەكتە

ئايال ئىشچىلار تىككۈچىلىك تېخنىكىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى):بۇ بىر نەچچە كۈندە ئەخەت ۋە بۇمەريەم ئەر-خوتۇن ئالدىراشلىقتىن تاماق يېگۈدەك ۋاقىت چىقىرالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن خۇشال ئىدى. يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەنلا، ئۇلارنىڭ تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر چوڭ زاكازنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى زاكاز بولۇپ، قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان 410 قۇر ئىش كىيىمى ئىدى.

   «يەڭ بەك تار بولۇپ قالمىسۇن، دىققەت قىلىڭلار!» ... 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئەخەت ۋە بۇمەريەم سېخنى ئارىلاپ يۈرۈپ، تىككۈچىلەرگە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى تاپىلىدى. ئازادە، يورۇق تىككۈچىلىك سېخىدا، 60 كىيىم تىكىش ماشىنىسى ۋە تورلاش ماشىنىسى نەچچە رەت قاتار تىزىلغان بولۇپ، 52 نەپەر تىككۈچى بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئالدىراش ھالدا زاكاز بويىچە ئىش كىيىمى تىكىۋاتاتتى.

  ئەخەت ئەر-خوتۇن يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرى تېرەكئاچال كەنتىدىن، «قوش كېپىنەك» ناملىق بۇ تىككۈچىلىك كوپىراتىپىنى ئۇلار بۇ يىلنىڭ بېشىدا كەنتتە قۇرغان. ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى شۇ كەنتنىڭ ئاھالىسى. چاغاندىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ تېرەكئاچال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى زاكازنى قوبۇل قىلىپ، شەندۇڭنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق بىر كىيىم-كېچەك كارخانىسىغا قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئىش كىيىمىدىن 410 قۇرنى تىكىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى