تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قۇربانجان ھەسەن

  شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، ھەرقايسى ئەزالار قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، بېيىشنى كۆزلىدى، شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى. لېكىن «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، ئاۋات-باي ۋە ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، باش قاتۇرۇپ تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

  بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە قەتئىي مۈجمەل بولمايمەن، ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك سەمىمىي ئادەم بولىمەن، ھەرۋاقىت بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن.

  مۇتلەق سادىق بولۇپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدايمەن. مەن پارتىيە بايرىقى ئاستىدىكى جاراڭلىق قەسىمىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى چىڭ كۆزلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قويۇپ ئويلىنىمەن، پىلانلايمەن، ئالغا سىلجىتىمەن؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالىدىغان، يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىمەن؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى سەلبىي دەرسلىكىنى ئەينەك قىلىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىيمەن، قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاش قىلىپ، ئومۇمىي خەلق «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاش قىلىدىغان، تەنقىدلەيدىغان، ئەيىبلەيدىغان كۈچلۈك ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرىمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمەن. مەن باشلامچىلىق بىلەن دېھقان ئائىلىلىرىگە كىرىپ، ھويلا-ئارانلارغا كىرىپ، ئېتىز باشلىرىدا تۇرۇپ، كاڭدا ئولتۇرۇپ، مۇڭدىشىش، پىكىرلەرنى ئاڭلاش، پاكىت سۆزلەش، ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە پاراڭلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا پارتىيەنىڭ لۇشيەن-فاڭجېنلىرى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قەيەرلەرگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رەزىل مەقسىتىنى ئېنىق تونۇتۇپ، ئاڭلىق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چۈشىنىشنى ئاشۇرۇشى، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى