تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ليۇ باۋزېڭ: مەسئۇلىيەتنى قەلبىمگە پۈكۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يېڭى نەتىجە يارىتىشىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تۈرتكە بولىمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

  چاغان مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ باۋزېڭ يەكەن ناھىيەسىگە كېلىپ، شىركەتتىن كەنتتە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن 1-شۇجىنى يوقلاپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى ھەم شۇ جايدىكى سودىگەرلەر ئارىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات-تىجارەت ئەھۋالى ھەم ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئىگىلىدى. بۇ سەپىرىدە ليۇ باۋزېڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ۋە كارخانىلارنىڭ قەلب ساداسىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىشنى، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بېرىشنى ئويلىدى.

  «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغانلىقىم ئۈچۈن، كۆپچىلىك مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، چۈشەنچىلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىشنى، كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ، كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشنى خالايدۇ، مەن ئىشەنچكە ئېرىشىشنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» 2018-يىلى، ليۇ باۋزېڭ تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن 70 نەچچە قېتىم تەشكىللەپ، ئاممىنى 120 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت قىلىپ، 20دىن ئارتۇق تۈرلۈك تەكلىپ-پىكىرنى توپلىدى.

  ليۇ باۋزېڭ جۇڭگو نېفىت خىمىيە غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى. 2018-يىلىنىڭ بېشىدا، ليۇ باۋزېڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە سايلىنىپ، مەن زىممەمدە بىر ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ۋەكىللىك ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىمەن» ليۇ باۋزېڭ سايلانغاندىن كېيىن مۇشۇنداق ۋەدە بەردى.

  ليۇ باۋزېڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بەردى. بۇلتۇر 6-ئايدا، ليۇ باۋزېڭ كەلپىن ناھىيەسىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بېرىپ، كۆپلىگەن نامرات ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن مۇڭداشتى، ھال-ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىلنىڭ يەنىلا نامرات ئاممىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ يېتەرسىزلىكى ئىكەنلىكىنى، «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچىنىڭ بارىچە سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ «دەل» بولۇشقا كۈچەشنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، پائال باشلامچىلىق بىلەن كەلپىن ناھىيەسىدە شىڭكې كىيىم-كېچەك زاۋۇتى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 100دىن ئارتۇق نامرات ئاممىنىڭ كارخانىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇلارنىڭ بۇلتۇر ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشتى.

  يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، قانداق قىلىپ پۇختا، قەدەم-باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ، نېفىتلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كارخانا دۇچ كەلگەن يېڭى تېمىغا ئايلاندى. 2018-يىلى، ليۇ باۋزېڭ كارخانىنى يېتەكلەپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا كۆپ قېتىم نېفىتلىككە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. شىركەتتىكى يۇقىرى-تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق 2018-يىلى غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت-تەبىئىي گاز چارلاپ تەكشۈرۈشتە «سودىدا بىر مۇھىم، زور بايقاش، نېفىت- تەبىئىي گازدا بىر مۇھىم بايقاش»تىن ئىبارەت گەۋدىلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، 3 مىليارد 950 مىليون يۈەن پايدا ياراتتى، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر جۇڭگو نېفىت خىمىيە، نېفىتلىك بۆلىكىدە ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەدە تۇردى.

  «غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېفىتنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، تەبىئىي گازنى كۆپەيتىدىغان، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك. بىز بىر بەش يىل ۋە ئىككى ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، غەربىي شىمال نېفىتلىكىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتەك ئۇلۇغۋار پىلاننى تەتقىق قىلىپ بېكىتتۇق». يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ليۇ باۋزېڭ كارخانىنى يېتەكلەپ، چوڭ قەدەم تاشلاپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتىگە ئايلىنىشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى