تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىق تەبىئىي شارائىتىدا پەرق ناھايىتى زور، نۇرغۇن ئېدىرلىق-تاغلىق رايوندىكى يەرلەر تارقاق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆلەملەشكەن ئىگىلىكنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەممىلا يەردە مەركەزلىك تۇتاشقان كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئائىلە ئىگىلىكى دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق ئىگىلىك ئۇسۇلى بولىدۇ. ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىگە يۈزلەنگەن ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى يۆلەش-قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ زامانىۋى ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىگە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىسلاھات-تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.