تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى كۆزلەش، دەۋر شان–شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش

ــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گۇاڭدۇڭ – شياڭگاڭ – ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ خۇەن، ئەن بېي، چېن جيەنشىڭ

  باش باھاردىكى 2-ئايدا، جۇجياڭ دەرياسى بويى ھاياتىي كۈچكە تولغان، نەنخەي دېڭىزى ساھىلى يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى. ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىلىدىغان مۇشۇ مەۋسۇمدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان تېزىسى»نىڭ تولۇق تېكىستىنى بېسىپ تارقىتىپ، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىيونلارغا خاس يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن، ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدىن گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان سىزىپ بەردى.

  ــــ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق رىئايە قىلغان ئاساستا ئىش بېجىرىپ، ئىچكىرى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا سىڭىشىشىگە مەدەت بېرىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنياۋى دەرىجىلىك شەھەرلەر توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  باھاردا دەريادا دولقۇن ئۆركەشلەپ، دېڭىز بىلەن تۇتىشىپ كەتتى، دېڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن تولۇن ئاي دولقۇن بىلەن تەڭ مەۋج ئۇردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدە، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قىزىق دولقۇنى مەۋج ئۇرۇشقا باشلىدى.

  يول باشلاش، رولچى بولۇش، تومۇر تۇتۇپ، يۆنىلىشنى بەلگىلەش

   ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭ مەۋقەنى ئومۇمىيەت ۋە يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ مۇھىم، زور پىلان چىقىرىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

  نەنخەي دېڭىزىدا شامال چىقىپ، جۇجياڭ دەرياسىدا دولقۇن كۆتۈرۈلدى.

  بۇ يەر جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شامىلى ئەڭ بۇرۇن چىققان جاي، جۇڭگودىكى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى.

  2012-يىلى 12-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن گۇاڭدۇڭغا كەلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭدۇڭنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىگە ئىگە دۇنياۋى دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2018-يىلى 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراققا يەنە بىر قېتىم قەدەم باستى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ چوڭ پۇرسىتى، چوڭ سەھىپىسى قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى قىلىش كېرەك.

  قولتۇق رايونى ھەم جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم، ھەم ئىقتىسادىي ھادىسە. داڭلىق نيۇيورك قولتۇق رايونى، سان فىرانسېسكو قولتۇق رايونى، توكيو قولتۇق رايونىنىڭ ھەممىسى يەرشارىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئېشىش قۇتۇبى ۋە تېخنىكا ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سەركە.

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇجياڭ دېلتىسىدىكى توققۇز شەھەردىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي كۆلىمى 56 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 70 مىليون، 2017- يىلىدىكى ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 10 تىرىليون يۈەن.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تېز تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈرگەن، بولۇپمۇ شياڭگاڭ-ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، چوڭقۇرلاشتى، بۇ رايون كۆرۈنەرلىك رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، مول ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ توپلانغان، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى مۇجەسسەملەنگەن، خەلقئارالىشىش سەۋىيەسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنياۋى دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىي شەرتى ھازىرلانغان.

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق يېڭى پۇرسەتلەرگە دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېز ئايلاندۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىقلاردا دۇچ كەلگەن تەرەققىيات قىيىن مەسىلىلىرىنى جەزمەن ھەل قىلىشى كېرەك.

  ئاقىللار ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرالايدۇ. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش دەل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى ئومۇمىيەت ۋە يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ چىقارغان مۇھىم، زور پىلانى، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى.

  2017-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى گۇۋاھ بولۇشى بىلەن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جاي ھۆكۈمىتى شياڭگاڭدا «گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش رامكا كېلىشىمى»نى ئورتاق ئىمزالىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. نەچچە ئايدىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ شاھمات تاختىسىدا، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى شۈبھىسىزكى، مۇھىم بىر ئۇرۇق. بۇ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى سىناق−

  «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە، گۇاڭدۇڭ ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنىڭ تۈگۈنىنى يارىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ يانداشتۇرۇش، ئوخشاش يۆنىلىشتە ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك».

  «دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەريانىدا، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئورنى ۋە رولى كۈچىيىدۇكى، ئاجىزلاشمايدۇ».

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جاينىڭ چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، بۇرچنى ئادا قىلىشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئىشەنچنى ئۇرغۇتتى.

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مۇساپىسىدە، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى بىر چوڭ موتور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ، يېڭى دەۋردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىشتىكى يېڭى ئىزدىنىش−

  2018-يىلى 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا قارىتا كۆپ تەرەپتىن ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. 11-ئايدا، ئۇ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ داۋاملىق باشلامچىلىق بىلەن كاپىتال، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارنى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىگە قاتناشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «شىمالدىكى شيۇڭئەن، جەنۇبتىكى چوڭ قولتۇق جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىدىكى جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر». «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى جۇڭگو قولتۇق رايونى ئىقتىسادىنىڭ تەجرىبە قىلغۇچىلىرىغا ئايلىنىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلگۈسى»... ئالىملارنىڭ باھاسى ئۈزۈلمىدى، بۇ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، بۇنىڭدىن ئىشەنچنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، تېز ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى باسقۇچىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  ئىلمىي لايىھەلەش، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش

   ــــ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى، يۇقىرى سەۋىيەدە قانات يايدۇرۇلدى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى جەزمەن ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

  2017-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تېز ئورنىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يىرىك پىلان تېزىسىغا قاراپ چىقتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ يىرىك پىلانى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قايتا-قايتا تەكىتلەپ، سەمىمىي تاپشۇرۇق بېرىپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى؛ قوش يۆنىلىشلىك سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودىنى قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىچە ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، كۆپ مەنبەلىك ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىزدىنىلدى؛ چوڭ قولتۇق رايونىنى ياخشى قۇرۇشتا، ئاچقۇچ − يېڭىلىق يارىتىشتا... باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى، ئۇ كۈچلۈك قاراتمىلىققا، مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئايلاندى.

  نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆپ تەرەپنىڭ پىكرىنى ئېلىش، ئۈزلۈكسىز تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، يىرىك پىلان تېزىسىنى تۈزۈش خىزمىتى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى ۋە ئىلمىي، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى نامايان قىلىندى، ئورتاق تونۇش ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەندى. تۈزۈش جەريانىدا، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جايدىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پىكرى تولۇق ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىلدى.

  يىرىك پىلان تېزىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشىنى چۆرىدەپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولىدىغان «ئاساسىي قۇرۇلما» يىرىك پىلان سىياسەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، يانداش يىرىك پىلان ۋە يولغا قويۇش لايىھەسى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىۋاتىدۇ، بۇ خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ياشلار يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، كەسىپلەر تەرەققىياتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.

  دولقۇن پەسىيىپ قىرغاق كېڭەيدى، شامالنىڭ يۆنىلىشىدە كېمە ئىلگىرىلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ياخشى باشلاندى، ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى.

  لىڭدىڭياڭدا دېڭىز بىلەن ئاسمان ئوخشاش رەڭگە كىردى، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى ئۈچ جاينى تۇتاشتۇردى. 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇخەيگە كېلىپ، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ «دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى» گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ يول قاتناش تورىنى تۇتاشتۇرۇپ، چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  بۇلتۇر، گۇاڭجوۋ-شېنجېن-شياڭگاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ شياڭگاڭ بۆلىكىدىمۇ رەسمىي پويىز قاتنىدى. بۇ يىل چاغانلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، گۇاڭجوۋ-شېنجېن-شياڭگاڭ تېز سۈرئەتلىك پويىزى پورتتىن ئۆتكەن 400 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى توشۇدى.

  شياڭگاڭلىق پېنسىيەگە چىققان دوختۇر چيەن ماۋلىن بىلەن خوتۇنىنىڭ گۇاڭجوۋدا كۈتۈنۈۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغانىدى، ئىلگىرى چاغاندا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇش ئۈچۈن، بۇ ياشانغان ئەر-خوتۇن جەنۇبقا بارىدىغان چوڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇراتتى، شياڭگاڭدىكى بالىسى شىمالغا بارىدىغان يولۇچىلار پاراخوتىغا ئولتۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، گۇاڭجوۋ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شياڭگاڭ غەربىي جيۇلۇڭ ۋوگزالىغا بېرىشقا ئەڭ تېز بولغاندا تەخمىنەن 50 مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ، ئىككى جايدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇغقان يوقلىشىغا تېخىمۇ قولاي تاللاش بار بولدى.

  شياڭگاڭ بىلەن تۇتىشىدىغان ليەنتاڭ/شياڭيۈەنۋېي پورتى، ئاۋمېن بىلەن تۇتىشىدىغان گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن يېڭى يولى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى چېگرا ھالقىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى تېز قۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش كۈچلۈك قاناتقا ئىگە بولغاندەك بولۇپ، چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قانات قېقىپ ئېگىز پەرۋاز قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  گۇاڭجوۋ نەنشادىن شېنجېن چيەنخەي، جۇخەي خېڭچىنغىچە، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى (گۇاڭجوۋ) مەكتەپ رايونى ھەمكارلىق تۈر قۇرۇلۇشىدىن شېنجېن-شياڭگاڭلىق ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىقىدىكى جۇڭيى تېببىي دورا پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكىچە، چوڭقۇر ھەمكارلىق تەرەققىيات سۇپىسىنى كۈچ توپلاپ بەرپا قىلىش ئۈستىدىكى ئىزدىنىش قىزغىن داۋاملاشماقتا.

  ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كاپىتال، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، ئۇچۇر قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئامىللارنى تېز سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇش باشلاندى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى دەۋرىگە كىرىۋاتىدۇ.

  دۇنيانىڭ كېچىلىك سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدە، گۇاڭجوۋدىن شېنجېنغىچە، يەنە شياڭگاڭ، ئاۋمېنغىچە سوزۇلغان جايلار چىراغ نۇرى ئەڭ جۇلالىق رايونلارنىڭ بىرى. بۇ يەردە بىر يۇغۇرما تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئايلاندۇرۇش، ياسىمىچىلىق بىر گەۋدە قىلىنغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارىدورى تېز بەرپا قىلىنماقتا.

  بۇ مۇنبەت تۇپراققا قەدەم باسقاندا، كىشىلەرنىڭ ھېس قىلىدىغىنى يالغۇز سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتلا بولماستىن، بەلكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە سۈپەتكە بولغان ئىنتىلىش بولىدۇ. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ھېكايىسىنىڭ مۇقەددىمىسى قالتىس، نادىر بولدى.

  دادىللىق بىلەن يول ئېچىش، ئۈلگە يارىتىش

  ــــ گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى شياڭگاڭ- ئاۋمېننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا سىڭىشىشىگە كۈچ قوشۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولدى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىمۇ يېڭى دەۋرگە كىردى.

  «شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچۈن ئېيتقاندا، <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش> ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئەڭ چوڭ سەھنە، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يېڭى مۇھىم، زور پۇرسەت». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى شياڭگاڭ، ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا سىڭىشىشى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر تەلىپى، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىيات يېڭى يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى ئېچىش، تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى قۇرۇش شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق.

  سەمىمىي غەمخورلۇق، سەمىمىي ئۈمىد نۇرغۇن جەھەتتىكى سىياسەت- تەدبىرلەردە ئەمەلىيلىشىدۇ.

  ــــ پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇش چارىسىنى بېسىپ تارقىتىپ، مەركەز مالىيە مەبلىغىنىڭ پەن-تېخنىكا پىلان تۈرىگە ياردەم بېرىش شەكلى ئارقىلىق ئاجرىتىلىپ چېگرادىن ئۆتۈپ شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا ئىشلىتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  ــــ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئەسلەتمە ئىمزالاپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شياڭگاڭ يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى.

  ــــ ئاۋمېندا «ئەقىل-پاراسەت شەھىرى نەرسە تورى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى» «ئاي شارى ۋە سەييارىلەر ئىلمى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى»نى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش تەستىقلاندى.

  ــــ شياڭگاڭ، ئاۋمىن ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكىرى جايلاردا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، دۆلەت شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسىنى يولغا قويۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنى نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىچكىرى جايلاردىكى ئاھالىلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن قىلدى.

  ــــ شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نەنشا، چيەنخەي، خېڭچىندا 860تىن ئارتۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇردى.

  ......

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم، ئۈچ تاموژنا بېجى رايونى، ئۈچ خىل پۇل شارائىتى ئاستىدا قۇرۇلغان، خەلقئارادا بۇنداق ئۈلگە يوق. قانداق بۆسۈش قىلغاندا، قانداق سىنىغاندا يېڭى بىر يول ئاچقىلى بولىدۇ؟

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇن رامكىسى ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم ئامىللارنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى باشلىنىشى بىلەنلا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، نۇرغۇن ئىزدىنىشلەر تاماملاندى.

  شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى جۇخەي- ئاۋمېن پورتى سۈنئىي ئارىلىنىڭ ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈش بىناسى ھازىر ئىچكىرىدىكى بىردىنبىر ئۈچ يەر ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان چېگرا تەكشۈرۈش پورتى. بۇ يەردە قىسقارتىلىپ «ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈپ دەلىللەش، بىر قېتىمدا قويۇپ بېرىش» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى چېگرا تەكشۈرۈش ئەندىزىسى تەرتىپلىك يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ.

  «شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>نىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى توپلاشتۇردى، ئۈچ جاي ئەۋزەللىكنى ئۆزئارا تولۇقلىغاندا ئاندىن ئېسىل مەھسۇلات يارىتالايدۇ». شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى جۇ يۇڭلىڭ مۇنداق دېدى: «شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىدىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسى تۈزۈلمە-مېخانىزمدا بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئۈچ جاينىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىكى پەرق، تېخنىكا ئۆلچىمىنى جىپسىلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەپەككۇر ئەندىزىسىدىكى سوقۇلۇشنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى».

  گۇاڭجوۋ-شېنجېن-شياڭگاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولى شياڭگاڭ غەربىي جيۇلۇڭ پورتىدا «بىر جايدا ئىككى تەكشۈرۈش»تەك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەكشۈرۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. غەربىي جيۇلۇڭ ۋوگزالى ئوخشاش بىر رايون ئىچىدە شياڭگاڭ پورت رايونى ۋە ئىچكىرى جايلار پورت رايونى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئايرىم-ئايرىم ئۆز قانۇنى بويىچە چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى.

  بۇ ئىككى تۈردىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنىڭ ئەھمىيىتى يالغۇز تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىدە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنى بېيىتقانلىقىدا، بۇ ئىچكىرى جايلارنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىنى، بولۇپمۇ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا شامال بىلەن تەڭ دولقۇن كۆتۈرۈلدى، جۇشقۇنلۇق ئىچىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ زېمىندا، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تەرەققىيات جەريانىدا تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

  مۇھىم ۋەزىپىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش، شان-شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلىنىش

  ــــ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى، قول تۇتۇشۇپ ئارزۇغا ئىنتىلىشتىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر قالتىس يارىتىلماقتا

  ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى چېلىنىۋاتىدۇ، ھەمكارلىقنىڭ كۈچى ئۈزلۈكسىز توپلىنىۋاتىدۇ.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پىلانلىشى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى ۋە تۈرتكىسىدە، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى، گۈزەل مەنزىرە جانلىق رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ.

  2018-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇخەي خېڭچىن يېڭى رايونىدىكى گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىقىدىكى جۇڭيى تېببىي دورا پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىنى تەكشۈردى. بۇ كەسىپلەر باغچىسى «گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىقى رامكا كېلىشىمى»دىكى ئەمەلىيلەشكەن تۇنجى تۈر، باغچە رايونىدا رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا 94 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 25ى ئاۋمېندىن كەلگەن.

  «خېڭچىن يېڭى رايونىنى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەت ئاۋمېندا كەسىپلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىش. خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن ھەمكارلىقىدا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە، سىياسىي جەھەتتىن يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى باغچە رايونىدىكى خىزمەتچىلەرگە مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جاينىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى بار، «2+9» 11 شەھەرنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز خاسلىقى بار، چوڭ قولتۇق رايونى پۇرسەتكە تولغان، كىم يىراقنى كۆرەلىسە، پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولسا، ئەۋزەللىكتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنالىسا، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئىشلەشنى خالىسا، مۇۋەپپەقىيەت شۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ.

  شياڭگاڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنجېن ئىلغار تېخنىكىلار تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ شياۋئوۋنىڭ باشلامچىلىقىدا بىرلەشمە تەجرىبىخانا تەشكىللىنىپ قۇرۇلۇپ، شېنجېن، شياڭگاڭ ئىككى جايدىكى تەتقىقاتچى خادىملارنى ھەمكارلىق سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. «يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاچقۇچ − ئىختىساسلىقلاردا، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جاينىڭ ئىختىساسلىقلىرىنى يۆتكەپ ھەرىكەتلەندۈرگەندە، غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ» دېدى تاڭ شياۋئوۋ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ياشلار ياخشى تەرەققىي قىلسا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ، دۆلىتىمىزمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ. شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۆپ سۇپا، كۆپ شوتا ھازىرلاپ بېرىپ، ياشلارنىڭ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياشلارنىڭ كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشىغا پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ قىزغىن دولقۇنىدا، ياشلىق باھارىنىڭ قىزغىنلىقى ھاياجانلىق ئىلكىدە مەۋج ئۇرماقتا.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شېنجېن چيەنخەيدىكى شېنجېنلىق، شياڭگاڭلىق ياشلارنىڭ ئارزۇ ئىش مەيدانىدا ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىدىن جەمئىي 340ى يېتىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن كوللېكتىپىدىن 169ى بار، يېرىمىدىن كۆپرەك مەخسۇس لايىھەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈلۈپ، جەمئىي يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغ 1 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  شياڭگاڭلىق ياش ليۇ يىنىڭ شىركىتى چيەنخەيدىكى شېنجېنلىق، شياڭگاڭلىق ياشلارنىڭ ئارزۇ ئىش مەيدانى ۋە دۇڭگۈەن سۇڭشەنخۇدىكى خەلقئارا ماشىنا ئادەم كەسىپ بازىسىغا ماكانلاشتى. «بىز شياڭگاڭدا تەتقىق قىلىپ ئاچىمىز، ئاندىن شېنجېندا تېخنىكىنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىمىز، يەنە دۇڭگۈەنگە بېرىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىمىز». ئۇ مۇنداق دېدى: چوڭ قولتۇق رايونىغا تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇرغۇدەك مەھسۇلات يارىتىشىمغا ئىشەنچىم تۇغۇلدى.

  «گەرچە ئىگىلىك تىكلەش ئېنىقسىزلىققا تولغان بولسىمۇ، لېكىن بىر نۇقتا ئېنىق، بۇ جاينى باشقا ھەرقانداق جايغا سېلىشتۇرغاندا خىيال ئاسانلا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ» دېدى شېنجېن شىۋەن پەن- تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دېڭ فېي.

  ئۇلۇغۋار پىلان بىلەن يول سىزىلىپ بولدى، ئۇلۇغۋار ئارزۇ يەلكەن كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.

  جۇجياڭ دەرياسى سۈيى ئۆركەشلەپ، شىددەت بىلەن لىڭدىڭياڭغا قۇيۇلماقتا. دەريا بىلەن دېڭىز تۇتىشىپ، بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندۈردى. بۇ يەر ئىلگىرى دۆلەت، مىللەتنىڭ 100 يىللىق گۈللىنىش-خارابلىشىشىغا گۇۋاھ بولغان بولسا، ئەمما ھازىر گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىكى دەۋر كاتتا مەنزىرىسىنى يارىتىۋاتىدۇ ــــ

  ھاياتىي كۈچكە تولغان دۇنياۋى دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى، يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارا پەن-تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تىرىكى، ئىچكىرى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگە رايونى، ياشاشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى چىرايلىق نامايان قىلماقتا.

  جۇڭگونىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىشتەك ئۇلۇغۋار بايانىدا، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى مۇھىم ھەم يارقىن بىر سەھىپىگە ئايلىنىپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدىغان، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ شان-شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل داستاننى پۈتىدۇ.

  (يېزىشقا قاتناشقانلار: ۋاڭ پەن، ۋاڭ شۈ، گو شىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.