2-ئاينىڭ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. جېجياڭ ئۆلكىسى چاڭشېڭ ناھىيەسى لىنچېڭ بازىرى لىيەنشىن كەنتىدىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى مېيخۇا گۈللىكىدە بەس - بەستە ئېچىلغان مېيخۇا گۈللىرى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ياخشى ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كەلدى. لىنچېڭ بازىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مېيخۇا گۈلى ئۆستۈرۈش كەسپىنى پائال كېڭەيتىپ، مېيخۇا گۈللىكى مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى مېيخۇا كۆچىتى تىكىپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى .
ئەتىيازنىڭ ئەلچىسى مېيخۇا گۈلى
مۇھەررىر :
خانقىز
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/02/22 21:39
2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئارتىسلار لىيەنشىن كەنتىدىكى مېيخۇا گۈللىكىدە ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى، لىنچېڭ بازىرىدىكى سەككىز جۈپ ياش مېيخۇا گۈللىكىدە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى، لىيەنشىن كەنتىدىكى مېيخۇا گۈللىكىدە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بىر جۈپلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر لىنچېڭ بازىرى لىيەنشىن كەنتىدىكى دۇڭفاڭ مېيخۇا گۈللىكىدە مېيخۇا گۈلىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.